ئاپتونوم رايونىمىزدا سودا - سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توكقا ئوخشاش باھا يولغا قويۇلدى

بۇ يىل ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ توك پۇلى 812 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئازلايدىكەن
جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 15 - ئاپرېلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز سودا - سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توكقا ئوخشاش باھانى يولغا قويغان. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تۆۋەن توك باھا سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.
  2014 - يىلنىڭ ئاخىرى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، تۆۋەن توك باھاسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015 - يىلىدىكى ئىقتىسادىغا تىرەك بولىدىغان ئالتە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، تۆۋەن توك باھاسى سىياسىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش، ئېشىشنى يېڭى تىرەككە ئىگە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار نازارەت ۋە ئىدارىلەر بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ھېسابلاپ كۆرۈپ، تۆۋەن توك باھاسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كېڭەيتىش بىلەن سودا - سانائەتتە ئوخشاش باھانى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا - سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى ئوخشاش قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايون ئۇلارنىڭ لايىھەسىگە قوشۇلدى.
  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ قېتىمقى سودا - سانائەتتە ئوخشاش باھانى يولغا قويۇش سودىغا ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى ۋە سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توك باھاسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن. كونكرېت ئۇسۇلى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توك باھاسى ئۆلچەم قىلىنىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈلگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توك باھاسى ۋە سودىدىكى توك باھاسىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توك باھاسى سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تەڭشەپ، ئادەتتىكى سودا - سانائەتتىكى توك باھاسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سودا - سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى ئوخشاش قىلىدىكەن. باھا ئوخشاش بولغاندىن كېيىن توك باھاسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېلېكتىر بېسىمى كۈچى دەرىجىسىگە ئاساسەن: بىر كىلوۋولتقا توشمىسا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.519 يۈەن، بىر كىلوۋولتتىن 10 كىلوۋولتقىچە بولسا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.516 يۈەن، 35 كىلوۋولتتىن يۇقىرى بولسا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.512 يۈەن بولىدىكەن.
  ھازىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توك باھاسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن، ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش بولغاندا، خوتەنگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خوتەنگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توكنىڭ باھاسىنى ۋاقتىنچە ئۆستۈرمەي، خوتەننىڭ سودا توك باھاسىنى سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توك باھاسىنىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن قىلىپ، ئادەتتىكى سودا - سانائەت توك باھاسىنى بىرلەشتۈرۈپ، خوتەن ئېلېكتىر تورى ئىچىدە سودا - سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى ئوخشاش قىلىندى. باھا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر بىر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.45 يۈەن بولىدۇ.
  سودا - سانائەتتىكى ئوخشاش باھا ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، باھانى تۆۋەنلىتىشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ئىنتايىن ئېنىق بولغان. باھا ئوخشاش قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ سودا توك باھاسى، توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ سانائەتتە ئومۇملاشمىغان توك باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۆرۈنەرلىك چۈشكەن، ئىككى تۈردە ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.093 يۈەن تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى سانائەتتە ئومۇملاشمىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.021 يۈەن تۆۋەنلىگەن، سودىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەركىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.244 يۈەن تۆۋەنلىگەن. 2015 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ توك پۇلى 812 مىليون يۈەندەك ئازىيىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
16-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەمىنلەشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى نېفىت بازىرىنىڭ د...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     دۆلەت ئىچىدىكى تەييار يېقىلغۇ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈپ، بۇ يىلقى «ئۇدا ئۈچ قېتىملىق ئۆسۈش» نى كۈتۈۋالدى، ھەمدە بۇ قېتىمقى ئۆسۈش يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ي...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە، ماي باكى ئاپتوموبىلى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ماي يەتكۈزمەكتە. فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالان ۋىتالى 25-ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دەلىل...
24-05-2016
    «قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ     قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
24-05-2016
    جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيەنجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2015-يىلىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىستېمالى ئايرى...
24-05-2016
    دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا دەسلەپكى بازىرىدا، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئاسىيا بازىرىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى، سەۋەبى دوللارنىڭ كۈچىيىشى، ھەمدە بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گەرچە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىپ ئىشلەپچىقىرىش مىق...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئەنگىلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قوياش ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەچچە كۈن...
24-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىچى تەييار ماي پارچە سېتىش باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدىكەن، مۆلچەردە بۇ قېتىملىق باھ...
24-05-2016
خېشۈن تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۈگۈنكى رۇسىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو تامۇژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ 4- ئايدا رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت...
21-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى رايونىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.62  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.41 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5...
Powered by Leglek