ئۈرۈمچىدە 11-دېكابىردىن 12-دېكابىر سەھەرگىچە ئۇدا 40 سائەت قاتتىق قار يېغىپ، يىغىندى ھۆل-يىغىن مىقدارى 46 مىللىمېتىرغا، ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 44 سانتىمېتىرغا يېتىپ، 1951-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە مېتېئورولوگىيە خاتىرلەنگەندىن بۇيان قىش پەسلىدە ئەڭ قاتتىق ياغقان بىر قېتىملىق قار بولۇپ قالغان. ئۈرۈمچىدە تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق قاتتىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغان.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجىرا قىلىش ئىدارىسى) مۇھىت تازلىقىنى باشقۇرۇش ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قار تازىلاشقا قاتنىشىپ، كېچىلەپ يوللاردىكى قارلارنى تازىلىغان. 24 مىڭ 500 تازلىق ئىشچىسى، 1400دىن ئارتۇق مەخسۇس قار تازلاش ئۈسكۈنىسى قار تازىلاش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، «قار ياغقان ھامان تازلاش، قاردىن كېيىن يوللار پاكىز بولۇش» تەلىپى بويىچە قار ياغقاندىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە داۋاملىق تۈردە قار تازىلىماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجىرا قىلىش ئىدارىسى) مۇھىت ئاسراش تارمىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 64 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ قېلىن ياغقان قاردىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە 400 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قار شەھەر سىرتىغا توشۇلغان. ئەگەردە ئۆلچەملىك ئېغىرلىقى 600 توننا كېلىدىغان پويىز ۋاگونى بىلەن توشۇلسا بۇ 400 مىڭ توننا قارنى 6667 ۋاگونغا قاچىلىغىلى بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجىرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جۈننىڭ ئېيتىشىچە، 2013-يىل قىشتىن 2014-يىل باھارغىچە بولغان قار پەسلىدە، پۈتۈن شەھەردە جەمئىي 980 مىڭ توننا قار شەھەر سىرتىغا توشۇلغان.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىكى تازلىق ئىشچىلىرى ئالدىنقى سەپتە جاپالىق كۈرەش قىلىپ داۋاملىق كوچىلاردىكى قارلارنى تازىلىماقتا.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 13-ماي، ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدنىڭ ئەتراپىدىكى سېسېىيا بازىرىدا نەچچە مىليۇن دانە كېرەكسىز بالونغا ئوت كېتىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك ئاسمانپەلەك كۆتۈرۈلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، چىلىدىكى ئارىكا لالىسېرا ساھىلىغا نەچچە يۈز مىڭ تال چوڭ قىسقۇچپاقىنىڭ ئۆلۈكى چىقىپ قالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved