شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شىنخۇا تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بەرگەن تېلېگراممىسى . ئىراق ساقچىسىنىڭ 21-چېسلا دېيىشىچە ،پايتەخت باغداتنىڭ شەرقىي قىسمىدا تۇتاش لىنىيىلىك پارتىلاش يۈز بەرگەن ، بۇ قېتىملىق پارتىلاش يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىرىنىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا دەپ بېرىشىچە ،شۇ كۈنى چۈشتە باغداتنىڭ شەرقىدىكى شىئە مەزھىپى تۇرۇشلۇق ئورۇندا ، بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قۇيۇلغان ئىككى ئاپتوموبىل تەڭلا پارتىلاپ كەتكەن ، كەينىدىن ئۇلىشىپلا بىر قانچە يەردە پارتىلاش يۈز بەرگەن . بۇ قېتىملىق پارتىلاش يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى،40 ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
يېقىندا ، باغداتنىڭ شىئە مەزھىپى تۇرۇشلۇق شەرقىي قىسمىدا ۋە دىنىي سورۇنلاردا پارتىلاش ،ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،قېتىم سانى ئون سەككىزگە يەتكەن .ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ،ئىراقتا تېررولۇق ھۇجۇمى باشلانغاندىن بۇيان بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۈچىيىپ كەتكەن .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ئەترىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشىچە ،بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىراقتىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5500ئادەمگە يەتكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved