غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە يۈرگۈزگەن جازاسى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

‏ئوبامانىڭ تاقىتى چېكىگە يەتتى، گېرمانىيەدە چىقىدىغان ئەينەك گېزىتىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان رۇسىيەگە قوللانغان ئەڭ ئېغىر جازاسى، ئوبامامۇ پۇتىنغا ئېنىق سېگنال بەردى، دېيىلدى. ئوباماغا نىسبەتەن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگىنچىلەرنى داۋاملىق قوللىشى ئېغۋاگەرچىلىك قىلمىش، ئوبامانىڭ تاقىتى چېكىگە يەتتى. ئوباماغا سېلىشتۇرغاندا ياۋروپالىقلار رۇسىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سەل ئېغىر بېسىق بولدى، ھەتتا ئۇلار قوللانغان جازانى زىيانسىز دېيىشكىمۇ بولىدۇ.


ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى نەزەردە تۇتۇپ رۇسىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي جازا قوللاندى، بۇ جازالار رۇسىيەنىڭ پۇل مۇئامىلىسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىگە چېتىلدى. رۇسىيە بۇ جازالار رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا مەنپەئىتىگە زىيان سالىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.


ئوباما 16-ئىيۇل ئاق سارايدا، رۇسىيە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا چېگراسىدا ئېغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم ئەڭ چوڭ شىركەتلىرى ۋە پۇ مۇئامىلە ئورگانلىرىنى جازالاشنى قارار قىلدۇق دېدى.


ئوباما مۇنداق دېدى: مەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىندىن قوراللارنىڭ رۇسىيەدىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە ئېقىپ كىرىشىنى چەكلەشنى، چېگرا رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلدىم، لېكىن رۇسىيە مېنىڭ تەلىپىم بويىچە تەدبىر قوللانمىدى. ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بۆلگۈنچىلەرنى قوللاپ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن قىلدى.
بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدۇ، مەن بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئامېرىكا ئالاقىدار جازا قوللىنىشتىن بۇرۇن، كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەسى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە پەرەز قوراللىقلار كەسكىن ئېتىشىپ، 55 پۇقرانىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان.



‏رۇسىيەنىڭ جازالانغان ئىككى پۇل مۇئامىلە ئورگىنى تەبىئىي گاز سانائەت بانكىسى ۋە تاشقى ئىقتىساد بانكىسى، شۇنداقلا ئىككى چوڭ ئېنېرگىيە شىركىتى رۇسىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش كارخانىسى نوۋاتىل شىركىتى ئامېرىكىنىڭ كاپىتال بازىرىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ 8 قورال ياراق شىركىتىمۇ جازالىنىدۇ، بۇ شىركەتلەر كىچىك تىپتىكى قوراللار، مىناميۇت ۋە تانكا ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ بۆلگۈچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا سەۋەبچى بولغان رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بىسايىسدا، ۋە قىرىمنى يۇتىۋېلىش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلغان كابىنېت مىنىستىرى ساۋىليېفمۇ جازالىنىدۇ.


يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپانىڭ رەھبەلىرى بىلەن ئامېرىكا مەسىلىھەتلەشكەندىن كېيىن، رۇسىيەگە قوللىنىدىغان جازانى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى جازا ئوبيېكتىپلىرىنىڭ تىزىملىكى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.


ياۋروپانىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى بىر خەۋەردار زات مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقىدىكى ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە ياۋروپا گۈللىنىش بانكىسى رۇسىيەنىڭ تەرەققىيات تۈرلىرىنى قوللىمايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان سېلىۋاقتان رۇسىيە شىركەتلىرىمۇ جازالىنىدۇ.
ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ياۋروپا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالارنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سەل ئېھتىياتچان بولدى، ھەتتا بۇ جازالارنى زىيانسىز دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىرلىشىپ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزسە، بۇ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا چوڭ زەربە بولىدۇ، بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى رۇسىيە ئىقتىسادنىڭ بۇ جازالار سەۋەبلىك چېكىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى.


ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىگە ئارىلاشتى دېگەننى بانا قىلىپ، رۇسىيەگە بىر قانچە نۆۋەتلىك جازا يۈرگۈزدى. ئاق ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئوموميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كوزور ئېلىپ قويۇپتۇ.



خەتكۈچلەر:
20-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 26-ئاپرېل ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە خەلقئارا تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن ھەمدە دەرۋازىسىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىپ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەردو...
27-04-2016
     ئوباما : پۇتىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى...... پۇتىندەك بۇنداق ئادەملەر ياۋروپادىكى كىچىككىنە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى پارچىلىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25- ئاپرېل پۇتىنن...
27-04-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ 25- ئاپرېل ئاشكارلىشىچە، يەمەندىكى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قوراللىقلار بىلەن كۆپ دۆلەت قىسىمى يېقىندا بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ھەزەرموت ئۆل...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوننېكتىكات شتاتى، مارىلاند شتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى ۋە  رودې ئارىلى شىتاتىدا دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق زۇڭتۇڭ سايل...
27-04-2016
4- ئاينىڭ 25- كۈنى مىسىر ۋە سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئازادلىق كۈنى. مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى مۇبارەك نەزەربەند قىلىنغان ھەربىي ئىشلار دوختۇرخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى. مۇبارەكمۇ ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ دەرىس...
27-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئەنگىلىيە، ئىش ھەققى ۋە خىزمەت ۋاقتى مەسىلىسىگە نارازى بولغانلىقتىن، ھەرقايسى جايلاردىكى فېلدشېرلار (دەسلەپكى دەرىجىدىكى دوختۇر) ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان. 26-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى دوختۇ...
26-04-2016
    فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئەمگەك نازارەتچىلىك ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى مۇنداق دېگەن: 2013- يىلىدىن بۇيان، بىرازىلىيەدىكى ئولىمپىك ...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاۋىستىرىيە ۋىنا، شۇ كۈنى نامايشىچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىغا قەغەز يەشىكلەرنى <چېگرا> غا سىمۋول قىلىپ دۆۋىلەپ قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆچمەنلەرنى قىسقارتىش سىياسىتىگە قارشى ئېتىرا...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە، 21 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان كومېتىت بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېفنى ئەرز قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى.
26-04-2016
    ياپونىيە بىلەن رۇسىيە يېقىندا دىپلوماتىيە قاتلىمىدا باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ 5-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. توكيونىڭ «دۇنيا مىقياسى دىپلوماتىيەسى» بىلەن موسكۋانىڭ «شەرققە قاراش دىپلوم...
Powered by Leglek