شىڭجيەن خېبىي ئۆلكىسى خېڭشۇي شەھىرىدىن بولۇپ، يېقىندا دوستى بىلەن بۇرچىن ناھىيىسىگە ساياھەتكە كەلگەن، 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، شىڭجيەن دوستلىرى بىلەن كەچلىك تاماق يەپ پىيادە ياتاققا قايتىش جەريانىدا پورتمالىنى يولدا چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پورتمالىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان شىڭجيەن ئىنتايىن تىت-تىت بولغان. چۈنكى پورتمالدا شىڭجيەننىڭ كىملىكى بولۇپ، كىملىك بولمىسا ئايروپىلانغا چىقالمايتتى، ئۇنىڭدىن باشقا كىملىكتە يەنە 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا سائەت سەھەر ۋاقتى بىر بولغان بولۇپ، شىڭجيەن بىلەن دوستلىرى كەلگەن يول بويىچە مېڭىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ پورتمالنى تاپالمىغان.
شىڭجيەننىڭ كۆڭلى يېرىم تۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كەلگەن، « يېرىم كېچىدە بىر قىزچاق تېلېفون قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ پورتمال تېپىۋالغانلىقىنى دېدى»، تىل پەرقى سەۋەبىدىن قارشى تەرەپ قايتا-قايتا دېيىش ئارقىلىق شىڭجيەن ئاندىن چۈشەنگەن. شۇ پەيتتە شىڭجيەن خۇشاللىقىدىن سەكرىۋىتەيلا دېگەن.
پورتمالنى تېپىۋالغۇچى بۇرچىن ناھىيىسىدىكى بۇلبۇلخان بولۇپ، بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن بۇلبۇلخان بىر رېستۇراندا قاچا يۇيىدۇ. شۇ كۈنى كېچە سائەت بىردە، بۇلبۇلخان ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش يولدا بىر ئەرەنچە پورتمالنى تېپىۋېلىپ شۇ جايىدا يېرىم سائەت ساقلىغان بولسىمۇ پورتمالنىڭ ئىگىسى كەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن پورتمالنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەتكەن.
بۇلبۇلخان مۇنداق دېدى:« پورتمالنى ئېچىپ ئىچىدە ئالاقىلىش ئۇسۇلى بار يوقلىقىنى ئىزدەۋېتىپ تېلېفون پۇلىنى تاپشۇرغان ۋاقىتتىكى تالون ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان قىزىمنى پورتمالنىڭ ئىگىسىگە تېلېفون ئۇرغۇزدۇم. سەھەر سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا شىڭجيەن بۇلبۇلخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ پورتمالىنى ئەكەتكەن.
«پورتمالدىكى ھەممە نەرسىلەر تولۇق ئىكەن، ئىنتايىن تەسىرلەندىم، ئاقكۆڭۈل شىنجاڭ خەلقىگە رەھمەت ئېيتىمەن». شىڭجيەننىڭ دېيشىچە، ئەينى چاغدا كەچ بولۇپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل پەرقى بولغاچقا بۇلبۇلخاننىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ساقلىۋالالمىغان.«مەن ئۇنىڭغا رەھمەت خېتى يازماقچى، شىنجاڭدا ياخشى ئادەملەر كۆپ ئىكەن، مەن كىلەر قېتىممۇ يەنە شىنجاڭغا ئوينىغىلى كېلىمەن».
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved