ياشلار تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. بەشىنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى بۇ يىل 16 - ئاپرىلدىن 23 - ئاپرىلغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى تەشكىلىي ھەيئىتى يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ فرانسىيەنىڭ داڭلىق كىنو رېژىسسورى لۇك بېسسوننىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمى " تيەنتەن مۇكاپاتى " خەلقئارا باھالىغۇچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۇستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لۇك بېسسون ھازىرقى زامان فرانسىيە كىنو ساھەسىدىكى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان داڭلىق رېژىسسور. ئۇ ئىلگىرى 53 - نۆۋەتلىك گانا خەلقئارا كىنو بايرىمى باھالىغۇچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالغان. " بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەس" ، " گىپېر " قاتارلىق تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن كۆپلىگەن فىلىملەرگە رېژىسسورلۇق قىلغان.
دۇنيا دەرىجىلىك كىنو ئۇستازى دىگەن نامغا ئېرىشكەن لۇك بېسسون بۇنىڭدىن ئىلگىرى گانا خەلقئارا كىنو بايرىمىدىن باشقا كىنو بايرىمى باھالىغۇچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش تەكلىپىنى كەمدىن كەم قوبۇل قىلاتتى. بۇ قېتىم بەشىنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى " تيەنتەن مۇكاپاتى " خەلقئارا باھالىغۇچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۇستىگە ئېلىشى ئۇنىڭ جۇڭگو كىنو بازىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگو كىنوچىلىقىغا زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.تۆت يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ، بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق كىنو زاتلىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
لۇك بېسسونغا ئوخشاش خەلقئارا كىنو بازىرىدا زور تەسىرى بار مۇشۇنداق داڭلىق رېژىسسورنىڭ قاتنىشىشى بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
بەشىنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمى " تيەنتەن مۇكاپاتى " خەلقئارا باھالىغۇچىلار كومىتېتى تەبىئەت بىلەن ئادەم بىرلەشكەن ، گۈزەللىكتە ئورتاقلىشىشتەك يادرولۇق قىممەت نۇقتىنەزىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا سەنئەتكە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ ئەڭ نادىر كىنو مۇكاپاتى، ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پىرسۇناژ مۇكاپاتى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پىرسۇناژ مۇكاپاتى قاتارلىق ئون چوڭ مۇكاپات تۈرى باھالاپ چىقىلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved