تۈنۈگۈن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاساسلىقى نېفىت باھاسىنىڭ شىددەتلىك چۈشۈشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ تەسىرىدە داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراپ چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن. بۈگۈن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بۇ يىغىننىڭ نەتىجىسى پەيشەنبە 12-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 03:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ. بۈگۈن كەچ ئېلان قىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا 11-ئايلىق CPI مەلۇماتى ۋە ئەمەلىي كىرىم ئايلىق نىسبىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار، بۇ سانلىق مەلۇمات كەچتىكى دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۆنىلىشىگە قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار، شۇنداقلا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
دۈشەنبە 12-ئاينىڭ14-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن فوندى ETFs نىڭ ئالتۇن زاپىسى 1123.007 توننا بولۇپ ئالدىنقى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا 0.24 توننا كېمەيگەن.
دۈشەنبە 12-ئاينىڭ14-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا، شاڭخەي ئالتۇن سودا مەركىزىنىڭT+Dئالتۇن باھاسى 221.84 يۈەن/گىرام بولۇپ، 1.86 يۈەن چۈشكەن، T+Dكۈمۈش باھاسى 3166 يۈەن/گىرام بولۇپ، 21 يۈەن چۈشكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved