بۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىك سەھىيە خىزمەتچىلىرى قايتا-قايتا كىلىنكىلىق تەتقىقى قىلىپ چىقىشى ئارقىلىق ھەسەلنىڭ يۈرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئۆپكە كېسىلى ۋە كۆز كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلى، تولغاق كېسىلى، قەۋىزيەت كېسىلى ۋە قان ئازلىق كېسىلى ۋە ئاشقازان 12 بارماق كېسىلى، بۇغۇم ياللۇغى ۋە نېرۋا سېستىمىسى كېسىلى، تېرە كېسىلى، كۈيۈپ قالغان كېسەل ۋە ئۈشۈك تىگىش كېسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئوخشاش بولمىغان دەرجىدە داۋالاش رولى بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
ھەسەل يىغىش پەسلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قارىتا نامىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئېلىنغان گۈل چېڭىنىڭ تەركىبىگە قاراپمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ھەسەلنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ ئۇزۇقلۇق تۇللۇقلاش رولىنى ئوينايدىكەن. لېكىن ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قارىتا رولىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئەڭ ياخشى ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بۇلۇپ:
1. ھەسەلگە قايناق سۇ قۇشۇپ ئىستىمال قىلىش. كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچلىكى بىر ئىستاكاندىن ئىستىمال قىلغاندا يۆتەل كېسىلى ۋە چوڭلاردا بۇلىدىغان قەۋىزيەت كېسىلى، قۇرساق ئاغىرىش كېسىلى قاتارلىقلارغا شىپا ئىكەن.
2. يېڭى نىلۇپەر شەربىتى بىلەن ھەسەلنى ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ئىسىق تۇتىۋېلىش ۋە ئۆپكىنى ياخشىلاش رولى بار ئىكەن.
3. ئۈجمە مىۋىسىنى سىقىپ داكىدىن ئۆتكۈزۈپ شىرنىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئازراق ھەسەل قۇشۇپ كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچلىكى ئىستىمال قىلسا ياش تۇرۇپ چېچى ئاقىرىپ كىتىش كېسىلىنى ۋە نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىنى داۋالايدىكەن.
ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە خىلى ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. ھەسەل مىقدارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بازارغا تېز ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇنداق ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ساقلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.
ئومومىي بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان كىشىلەر: بۆرەك، نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىش، ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىشتىن بولغان ئادەت مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلار؛ زېققە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار، ئېممۇنېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئاسان زۇكامداپ قالىدىغان، ئاسان چارچايدىغان ؛ مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتىغاقلىق قاتارلىقلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل ئوزۇقلۇق بولالايدۇ.بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجىربىلەردىن قارىغاندا جېگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ ئاساسلىقى بۆرەك، ئاشقازان، بالياتقۇ سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان ئاجىزلىقلار، نېرۋا ئاجىزلىقى ، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.يانتاق چېچىگى ھەسىلى:ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان -ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىش، زەھەر تازىلاش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، گېمىروي(بوۋاسىر) غا مەنپەئەت قىلىش، چىراينى سۈزۈش، ئىچكى ئاجرالمىلار توسۇلۇش سەۋەبلىك ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
ھەسەل ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى : ھەر كۈنى ئەتتىگەن ، چۈش ۋە كەچتە ھەسەلنى چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن باشقا ھېچقانداق يېمەكلىك يېيىلمەيدۇ . ھەر كۈنى 150 - 200 گرام ( 150 گرام بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ) ھەسەل ئىستېمال قىلىنىدۇ . قورساق ئېچىپ كەتكەندە ياكى - چارچىغاندا ھەسەلنى بىۋاستە ئىستېمال قىلسىمۇ ياكى چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىش بىلەن بىللە ، كەيپىياتىمۇ كۆتۈرىلىدۇ . بۇ ئۇسۇلنى ھەر ئايدا ئۈچ كۈن قوللانغاندا ئۈچ كۈندە بەش كىلو گرام ئورۇقلىغىلى بولىدۇ . شۇنداقلا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك ئۈچەي تازلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشلىكى بولىدۇ .
بەزى كىشىلەر ھەسەل تاتلىق تۇرسا قانداق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن ، خېلى بۇرۇنلا ھەسەل ئۈچەي داۋالاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا ھېساپلىنىپ كەلگەن . ھەسەل تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسى ۋە مول مىقتاردىكى مېنىرال ماددا ، ۋىتامىنلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى زەھەرنى تازلاپ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ ۋە بۇ ماددىلار بەدەنگە تەكشى تارقىلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بىلەن بىللە ئىنتايىن ياخشى ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . ئۈچ كۈن ئىچىدە ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇنداق :
: بىرىنچى كۈنى ئەتتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، چۈشتە ھەسەلنى يېشىل چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش بىلەن بىر قوشۇق ھەسەل ئىستېمال قىلىش . چۈشتىن كېيىن ئىككى قوشۇق ھەسەل ، كەچتە ئەتتىرگۈل چىيىغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك . ئىچىپ بولغاندىن كېيىن باش قىيىش ۋە پۇت - قوللار بوشۇشۇپ قورساق ئېچىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە نورمال ئەھۋال بولۇپ تېزلا ئوڭشىلىدۇ .. ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە ھەسەلنى بىر ئىستاكان يېشىل چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش ، چۈشتە ھەسەلنى بىر ئىستاكان يالپۇز چىيىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن سىرت ، بىر قوشۇق ھەسەل ئىستېمال قىلىش . چۈشتىن كېيىن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، كەچتە ھەسەلنى بىر ئىستاكان قىزىل چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن باشقا ، بىر قوشۇق ھەسەل ئىستىمال قىلىش كېرەك . ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن قورساق خېلى يىنىكلەپ بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا خېلى كۆنۈپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ . بۇ بەدەندىكى زەھەرنىڭ تازلىنىشىنى تېزلىتىدۇ . . ئۈچۈنچى كۈنى ئەتتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش ، چۈشتە ئاپلىسىن چېيىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش . چۈشتىن كېيىن بىر ئىستاكان چاي بىلەن ئىككى قوشۇق ھەسەل ئىستېمال قىلىش ، كەچتە قىزىل گۈل چىيىغا ئارلاشتۇرۇلغان بىر ئىستاكان ھەسەل چاي ئىچىش كېرەك . ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەم خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ، روھىي كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىدۇ پۇت - قوللىرىدىكى ئىششىقلارمۇ كۆرۈنەرلىك يىنىپ ئاشقازان قورساق ئاچقانلىق تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved