دۇنيا ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە: راك كېسىلى ئاغرىقلىرى، نورمال كىشىلەر، ھەتتا بەزى دوختۇر - سېسترالارنىڭمۇ راك كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. «جۇڭگو ساغلاملىق تورى» يېقىندا كىشىلەرنىڭ راك كېسىلى توغرىسىدىكى ئون خىل خاتا قارىشىنى يەكۈنلەپ چىققان.
1 - خاتا قاراش: گېن راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىل
تەيۋەن تور پونكىتىنىڭ ئېنىقلىشىچە كۆپىنچە زىيارەت قىلىنغۇچى راك كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل گېن دەپ قارايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى: راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىرسىيەت. ناچار مۇھىت، ناچار تۇرمۇش ئادىتى، ناچار يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى ۋە بېسىمنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇشى قاتارلىقلارمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بەزى راك كېسىلىنىڭ ئىرسىيەت خەتېرى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، مەسىلەن: ئانىسى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بولسا، قىزىنىڭمۇ شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا ئىككى - ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا بۇنداقلار چوقۇم ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بىراق بەزى راك كېسىلىنىڭ ئىرسىيەت خەتىرى يوق دېيەرلىك بولىدىكەن. مەسىلەن: ئۈچەي راكى، بۇ خىل كېسەللىك %5 ئەتراپتا ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، راك كېسىلى ۋە بەزى ئىرسىي كېسەللەرنى تاماكا چېكىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، دەم ئېلىش ياخشى بولماسلىقتەك ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، خىمىيەلىك دورا، يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
2 - خاتا قاراش: راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ
نۇرغۇن كىشى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ ھەم تۇرمۇشتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى: دۇنيا ساقلىقنى ساقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە: ئۈچتىن بىر قىسىم يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، ئۈچتىن بىرىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، راك كېسىلىدىن ساقلىنىشنىڭ ئاكتىپ ئامىلى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز قولىدا بولىدىكەن. ئامېرىكا راك كېسىلى تەتقىقات ئورنىدىكىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى مېۋە، كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %20 ئەتراپىدا ئازايتقىلى بولىدىكەن. ئادەتتە كىشىلەر كۈنىگە 425 گىرام ئەتراپىدا مېۋە، كۆكتات ئىستېمال قىلىشى، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى، بەدەننىڭ نورمال ئېغىرلىقىنى ساقلىشى، ھەركۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت مېڭىپ بېرىشى، ھاراق - تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك ئىكەن.
دېمەك، «ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن ئەلا» دېگەن سۆزنى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى قىلساق، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرسەك ھەم قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرساق راك كېسىلىدىن يىراق تۇرۇش ئۇنچە تەس ئەمەس.
3 - خاتا قاراش: گۆشسىز تاماق يېگەنلەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %24 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى گۆشسىز تاماق يېگەنلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، دەپ قارىغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى: دائىم بېلىق تۈرىدىكى ۋە ياغلىق گۆش ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدىكەن. دائىم گۆشسىز، يېڭى ھەم تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشى ئادەتتىكى كىشىلەردىن خېلىلا تۆۋەن بولىدىكەن. بىراق دائىم گۆشسىز يېمەكلىك ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنى قوبۇل قىلىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنداق كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى گۆشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ ئىككى، ئىككى يېرىم ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئاساسىي يېمەكلىكلەر راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تاماق تاللاشتەك يامان ئادەتنى تۈگىتىش كېرەك ئىكەن. ئامال بار تەبىئىي ئوزۇقلۇقلارنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە يېمەكلىك ھەپتىسىگە بىر - ئىككى قېتىم بولسا بولىدىكەن. بۇلاردىن باشقا، كۈنىگە 425 گىرام ئەتراپىدا ھەر خىل كۆكتات، مېۋە ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەككەن.
4 - خاتا قاراش: مەڭ كۆپ بولسا تېرە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ
تەكشۈرۈشتە، مەڭ كۆپ بولسا تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ دېگەن قاراشقا %61 كىشى ئىشىنىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەڭ تۇغما بولغان مەڭ بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان مەڭ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن. بالاغەتكە يەتكەن مەزگىل بىلەن ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەڭ كۆپىيىدىكەن. ئوتتۇرا ياش مەزگىلدە مەڭ كۆپىيىپ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى مەڭ قارا پىگمېنتلىق ياخشى خاراكتېرلىك مەڭ ھېسابلانغاچقا، بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئەگەر مەڭنىڭ رەڭگى، چوڭ - كىچىكلىكى، شەكلى قاتارلىقلاردا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، مەسىلەن: ئاستا - ئاستا ئەتراپقا كېڭەيگەن، يەنى تەخمىنەن 0.6 مىللىمېتىر ئەتراپىدا؛ تېرە تاشلىغان، قان چىققان، كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقارغان؛ مەڭنىڭ شەكلى بىنورمال، ئورنى مۇقىم بولمىسا، ئەتراپلىرى بۇزۇلغان، رەڭگى ئۆزگەرگەن قوڭۇررەڭ ياكى قارا رەڭ، ۋە ياكى قېنىق كۆك رەڭگە ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلسە؛ بىر چوڭ مەڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن كىچىك مەڭ پەيدا بولسا بۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەك.
5 - خاتا قاراش: كۆكسىنىڭ چوڭ بولۇشى سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى: كۆكسىنىڭ چوڭ بولۇشى سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولماستىن، بەلكى ئىرسىي ئامىل بىلەن بەزى خەتەرلىك ئامىللار، مەسىلەن: ھەيز كېلىش مەزگىلى بەك بالدۇر بولۇش، ھەيز توختاپ قېلىش، توي قىلماسلىق، ھامىلىدار بولماسلىق، كېچىكىپ ھامىلىدار بولۇش، بالا ئېمىتمەسلىك قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ بايقىشىچە، كۆپ ساندىكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار كۆكرەكنى تۇتقاندا ياكى كىيىم كىيگەندە ئاغرىق ھېس قىلغاندا ئاندىن داۋالىنىدىكەن. بۇ چاغدا راك كېسىلى كۆپىنچە ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتكەن مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا بايقاپ دەرھال داۋالىسا، سۈت بېزى راكىنى ساقايتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن، يەنى 0 باسقۇچتىن 1 - باسقۇچقىچە بولغان كېسەل تارىخى بارلارنىڭ بەش يىل ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا 54 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئايدا بىرقېتىم سۈت بېزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ھەر يىلى ۋاقتىدا چوڭ تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر قېرىنداشلىرىدا بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا، 40 ياشتىلا تەكشۈرتۈشنى باشلاش كېرەك ئىكەن.
6 - خاتا قاراش: ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئېنىقلىنىشىچە، 50 - 59 ياشتىكى %39 زىيارەت قىلىنغۇچى ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن، ھازىر بۇ قاراشقا قوشۇلىدىغان 13 - 19 ياشتىكىلەرمۇ %53كە يەتكەن.
ھازىرقى ئورگانىك يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆكتات بىلەن مېۋىلەردۇر.
ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توققۇز يىللىق تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزاق يىل ئورگانىك يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلانغان ئاياللارنىڭ ئورگانىك يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلانمىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش جەھەتتىكى پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغان. ساغلام ئوزۇقلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇلى ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپ خىللىقىغا دىققەت قىلىش، شۇنداقلا يەرلىك پەسىللىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھەر كۈنى ئاز مىقداردا قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئىكەن.
7 - خاتا قاراش: كىسلاتالىقى يۇقىرى بەدەن راك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ
«بەدەننىڭ ئىشقارلىقى ئاجىز بولسا ساغلام بولىدۇ، كىسلاتالىقى كۈچلۈك بولسا ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ»... بۇ قاراش بەزى ساغلاملىق بۇيۇملىرى ئېلانلىرى بىلەن ساقلىقنى ساقلاش خاراكتېرىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە: ئىلىم - پەندە بەدەن سۈپىتىنى كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق دەپ ئايرىش مەۋجۇت ئەمەس، بۇ ئاساسى يوق قاراش. ئادەم بەدىنىدە نۇرغۇن سۇيۇقلۇق بولىدۇ، بولار ھۈجەيرە ئىچكى سۇيۇقلۇقى، سىرتقى سۇيۇقلۇقى، ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان تۈرلۈك سۇيۇقلۇق، تەر ۋە سۈيدۈك قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىلىرى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا يۇقىرىدىكى قاراش مۇكەممەل بولمىغان قاراش.
8 - خاتا قاراش: ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ
كۆپ ساندىكى راك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلىشتۇر، راك ھۈجەيرىلىرى ئەسلىدىكى ئورۇندىن يۆتكىلىپ جىگەر، ئۆپكە، سۆڭەك قاتارلىق ئورۇنلارغا كۆچىدۇ. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 50 - 59 ياشتىكى %46 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكىلەرنى قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى: راك كېسىلىدە يۆتكىلىش يۈز بەرگەندە، ئۇنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدىكەن. مېدىتسىنا تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكىلەرنىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولۇۋېتىپتۇ. مەسىلەن: لىمفا ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇرۇقدان راكىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن. نىشانلىق داۋالاشنىڭ كۈنسېرى ئىلغارلىشىشى بىلەن ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىقلار ياخشى كونترول قىلىشقا ئېرىشكەن.
9 - خاتا قاراش: ئوزۇقلۇقتىن پەرھىز تۇتۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش
بەزى راك كېسىلى ئاغرىقلىرى «راك ھۈجەيرىلىرى ئوزۇقلۇق سۈمۈرەلمىسە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ» دەپ قاراپ، ئوزۇقلۇقتىن پەرھىز تۇتۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى كونترول قىلماقچى بولغان. %14 زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئوتتۇرا ياشلىقلار بۇ قاراشقا قوشۇلغان، 60 ياشتىن يۇقىرى كىشى ئىچىدە %22 كىشى بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان.
بولۇپمۇ جىگەر راكى بىلەنداۋالىنىۋاتقانلار راك ھۈجەيرىسىنى «ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈش» ئۈچۈن پەقەت سۇ ئىچىپ، ئاز مىقداردا مېۋە، كۆكتات يېگەن، نەتىجىدە ئاغرىق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە: ئادەتتە نورمال ئوزۇقلانمىغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەپتىسىگە ئون كىلوگىرام تۆۋەنلەيدىكەن، ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ تۆۋەنلەپ، راك ھۈجەيرىسىنىڭ يامراپ كېتىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدىكەن. قەنت راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەڭ ئامراق يېمەكلىكى ئىكەن، ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ بايقىلىشىمۇ قەنتنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكا خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق ئاياللارنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن يېمەكلىكلەر، يەنى تاتلىق ئىچىملىك، قەنت - كېزەك، تورت قاتارلىق پارچە يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك ئىكەن.
10 - خاتا قاراش: خىمىيەلىك داۋالاش چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 50 - 59 ياشتىكى %76 زىيارەت قىلىنغۇچى خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بارسا، چوقۇم چاچنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە: خىمىيەلىك داۋالاش ئاساسلىقى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىدىكەن، شۇنداقلا داۋالاش جەريانىدا ساق ھۈجەيرىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن، بولۇپمۇ تۈك ۋە كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدىكەن. مەسىلەن: سۈت بېزى راكىنى داۋالاتقاندا خىمىيەلىك دورىلار سەۋەبىدىن ئاسانلا چاچ چۈشىدىكەن. بىراق ئۈچەي يولى ئۆسمىلىرىنى داۋالىغاندا چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدىكەن. پىسخىكا جەھەتتىكى چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن چېچى ئۇزۇن ئاغرىقلار خىمىيەلىك داۋالاشتىن ئىلگىرى چېچىنى قىسقارتىۋەتسە بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved