ئەگەر سىز ئۇيقۇغا قانماسلىقتەك قىيىنچىلىقنى يېڭەلمەي ھەتتا كۈندۈزىمۇ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمىسىڭىز، شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى، سىزدىكى ئۇيقۇغا ئامراقلىق ئاللىقاچان ئۇيقۇخۇمارلىققا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. شۇڭا، سىز تېزدىن ئۇيقۇ خۇمارلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەللىك ئازابىغا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، ئۇيقۇسىراپلا يۈرۇش ئۇيقۇ قانماسلىقتىن بولماستىن، بەلكى تۆۋەندىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەر سەۋەبىدىنمۇ ئۇيقۇسىراش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
مەسىلەن:
قان ئازلىق. يېمەك-ئىچمەك كەڭ-تاشا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قان ئازلىق ئەھۋالى بۇرۇنقىغا قارىغاندا روشەن يېنىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەۋجۇت. ئادەتتە قان ئازلىقنىڭ ھارغىنلىق ھېس قىلىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلىرى بار بولۇپ، بۇ خىل ئالامەتلەر قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇسكۇل ياكى نېرۋا سىستېمىسىدا ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. گەرچە ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولسىمۇ، لېكىن تۆمۈر ۋە مەلۇم خىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشى يەنىلا قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تۆمۈر تولۇقلاش ئارقىلىق قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالاش كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved