گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس 23-مارت چۈشتىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا يېتىپ باردى. بۇ ئۇ سىياسىي سەھنىگە چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇشى. گرېتسىيە توختىماي گېرمانىيەدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى تۆلىمى تەلەپ قىلىپ، گرېتسىيە-گېرمانىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ‹‹چاتاقتىن يەنە چاتاق تېرىغىلى بولمايدىغان›› ئەھۋالدا سىپراسنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن ئۆتكۈزگەن ‹‹بىرگە بىر›› سۆھبىتىنىڭ نېمە ئۈنۈمى باردۇ؟ ياۋروپا بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلماقتا، ئەمما گرېتسىيە-گېرمانىيە ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرى ‹‹مېركىل-سىپراس ئۇچرىشىشى››غا تازا كۆڭۈل بۆلمىگەندەك قىلاتتى.
‹‹دۇنيا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىدە سىپراس بىلەن مېركىل ئۇچراشقاندا، ياۋروپا بۇ ئۇچرىشىشقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن نەزەر سالماقتا، دېيىلدى. 23-مارت، سىپراس مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېرلېنغا يېتىپ كەلگەن. سائەت 17:00 دە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ ھەمراھلىقىدا، سىپراس گېرمانىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ‹‹بىرگە بىر›› سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved