نانگاھاردىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گە يەتتى

جاھان ئاگېنتلىقى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگاھار رايۇنىدا تۈنۈگۈن ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى. نانگاھار سەھىيە ئىدارىسى خادىمى نەجىبۇللاھ كاماۋال، چاۋكى تالاشى رايۇنىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 38 گە يەتكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كاماۋال، بۇ ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا تەخمىنەن 140 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئېغىر يارىدارلارنىڭ پايتەخت كابۇلغا يۆتكەلگەنلىكنى ئېيتتى. نانگاھاردىكى ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئۈستىگە ئالغان ئىدى، بۇ ھۇجۇم ISIS تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇم ھەرىكىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئافغانىستان تالىبان ھەرىكىتى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن، بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ئىران قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك رەددىيەسىگە ئۇچرىغان.



19-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، قىرىمدا «رۇسىيە كىچىك قوغدىغۇچىسى» مېدالى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمدا قىرىم گۈزەل تەپتىش ئەم...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سا...
01-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە پادىشاھى كارىل 16-گۇستاف (Carl XVI Gustaf) شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى ۋە پۇقرالار شۇ كۈنى پايت...
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، پاكىستان لاھور، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىت...
01-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» (IS) بىلەن مۇناسىۋىتى بار خاككېرلار تەشكىلاتى تور ھۇجۇمى نىشانىنى 3000 نەپەر ئادەتتىكى نيۇيورك ئاممىسىغا قاراتقان، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئ...
01-05-2016
پىرېزىدېنت تۈزۈمى       پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ. ئىككىنچى،...
01-05-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋەردە، رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى تەھقىقلەش ئىدارىسى ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: سوت مەھكىمىسى قازاندا قاقتى-سوقتى قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش جىناي...
01-05-2016
    ئامازون شىركىتى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر قىزىقارلىق ھۆججەت ئېلان قىلدى، ھۆججەتتە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئەمەلدارىنىڭ ئامازون تور بېتىدە ئامېرىكا تاۋارلىرىنى ئوغرىلىقچە سېتىۋالغانلىقى، شىركەتنىڭ ھېسابات نومۇرلىرىنى توختىتىۋ...
01-05-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە بۇرلىنگېمدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام نامزاتى ترامپ 2016-يىللىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغاندا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى پۇقرالار ت...
30-04-2016
    گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
Powered by Leglek