ئەلجەزىرە تورى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: مالايسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەر ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ قىزى نۇرۇل ئىززاھ ئەنۋەر، پارلامېنتتا دادىسى تۈرمىدە يازغان باياناتنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئىسيانغا تەشۋىق قىلغان دەپ ئەيبلەندى.
مالايسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەر ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ قىزى نۇرۇل ئىززاھ ئەنۋەر، ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنتتا دادىسى تۈرمىدىكى ۋاقتىدا يازغان باياناتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن دۆلەتتە ئىسيانغا تەشۋىق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.
خەلق ئىتتىپاق پارتىيىسىدىن فەھمى فادزىل، پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىززاھنىڭ، ئەنۋەر ئىبراھىمغا بېكىتىلگەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ 7- مارت ئۆتكۈزۈلگەن نامايشقا ئالاقىدار ئىپادە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ساقچىخانىغا بارغان بولۇپ شۇ يەردە قولغا ئېلىندى.
فەھمى فادزىل، ئالاقىدار خادىملارنىڭ، نۇرۇل ئىززاھنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنتتا دادىسى تۈرمىدىكى ۋاقىتتا يازغان باياناتىنى ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. فەھمى، ئىززاھنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ناتوغرىلىق ۋە ئەيىب دەپ سۈپەتلەپ، بۇ قارارنىڭ ئەنۋەرنىڭ قامىلىشىغا قارشى چىققانلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلدى.
ئادۋۇكات ر.سىۋاراسا، ئىززاھنىڭ كېچىدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قولغا ئېلىشنىڭ ئۆكتىچىلەرگە تەھدىت سېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، بۇ قارارنى ئەيىبلىدى ۋە ئىززاھنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىززاھنىڭ قېرىندىشى نۇرۇل نۇھا ئەنۋەر، «قېرىندىشىمىزنىڭ قولغا ئېلىنىشى قانۇنسىز ۋە ئاساسى قانۇنغا قارشى بىر ھەرىكەتتۇر» دېدى.
ئەنۋەر ئىبراھىم، 1993-يىلى مالايسىيە باش مىنىستىرى ياردەمچىسى بولغان ئىدى، ئەمما يۈز بەرگەن ئىقتىسادى كىرزىستىن كېيىن مالايسىيە باش مىنىستىرى ماھاتھىر مۇھەممەد بىلەن پىكىر قارشىلىقى يۈز بەردى. 1998- ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
ئەنۋەر ھەققىدە چىقىرىلغان يولسۇزلۇق داۋالىرى ئەسلى يوق بولۇپ چىقتى، ئەمما 1998-يىلى نويابىر ئېيىدا ئەيىبنامەلەر كۈچىنى كۆرسەتتى. 1992-1998 يىللىرى ئارىسىدا شوپۇرلۇق قىلىۋاتقان ئەزىزان ئەبۇ بەكرى، ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئۇنى مەخپى خادىمى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر بۇ داۋالار نەتىجىسىدە قولغا ئېلىنىپ 6 يىل تۈرمىدە ياتقان بولۇپ، ئەزىزان ئەبۇ بەكرىنىڭ داۋالىرىنىڭ ئىسپاتسىز ۋە خاتا بولغانلىقى ئۈچۈن 2004-يىلى سىنتەبىردە قۇيۇپ بېرىلگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved