خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.پاكىستانغا زىيارەتكە بارغان ئافغانىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى مۇھەممەد كەرىمى بىلەن ئافغانىستان خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردىمى قىسمىنىڭ قوماندانى جون كامبىل شۇ يەر ۋاقتى 23-دېكابىر راۋالپىندىدا پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقى ۋە ئافغانىستان زىمىنىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
شۇ كۈنى پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى راھىل شېرف شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر راۋالپىندىىدىكى پاكىستان قورۇقلۇق ئارمىيىسى باش شىتابىدا ئافغانىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى مۇھەممەد كەرىمى ۋە ئافغانىستان خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردىمى قىسمىنىڭ قوماندانى جون كامبىل بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى .راھىل شېرف ئافغانىستان قىسمىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى پاكىستان تالىبانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .ئۇ پاكىستان تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھەرىكىتى ۋە ئاخباراتتىن ھەمبەھىرلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە ئافغانىستاننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .كەرىمى بىلەن كامبىل پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ راۋالپىندى قەبىلە رايونىدا ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئىنتايىشىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پاكىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شىتاپ باشلىقى كەرىم ۋە ئافغانىستان خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم قىسمىنىڭ قوماندانى كامبېل 23-دېكابىر پاكىستاننىڭ تېرورىزىمغا زەربە بېرىشى ئافغانىستان زېمىنىدىكى تېرورچى ئۇنسۇرلارنى تازىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شىتاپ باشلىقى راشلى شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان راۋالپىندى شەھىرىدىكى پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش شىتابىدا كەرىم ۋە كامبېل بىلەن كۆرۈشۈپ رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە چېگرىدا تېرورلۇققا ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.
راشلى يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى پاكىستان تالىبان قوراللىقلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ پاكىستان تەرەپنىڭ ھەركەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئاخباراتلاردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئافغانىستان تەرەپنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كەرىم ۋە كامبېل پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىدىكى تازىلاش ھەركىتىنىڭ ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى، تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ شۇ سەۋەپتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ھەربىي تەرەپ 15-ئىيۇندىن باشلاپ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىغا يۇشۇرۇنغان پاكىستانلىق ۋە چەتئەللىك قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك ھەربىي ھەركەت قوزغىدى. پاكىستان ھەربىي تەرەپ 1800 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ھەركەت جەريانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 16-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن پاكىستان تالىبان قوراللىقلىرى پېشاۋۇردىكى بىر ھەربىيلەر پەرزەنتلىرى مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلىپ 140 دىن ئارتۇن ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردىن ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ مۇشۇ سەۋەپتىن كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى .
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، پاكىستان كاراچى شەھىرى، شۇ يەردىكى ساقچىلار شەھەر ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبانلارنىڭ رادىكال ئۇنسۇرلىرىغا ئوخشايدىغان 13 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.ئەنگىلىيە "كۈندىلىك ئاخبارات گېزىتى» نىڭ 21-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيىسى 20-چىسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئارمىيە تەرەپ شۇ كۈنى غەربى شىمالى رايونغا قارىتا بومباردىمان ئېلىپ بېرىپ 21 قوراللىق ئۇنسۇرنى يوقاتتى.باياناتتا دېيىلىشىچە، ئارمىيە تەرەپ شۇ كۈنى كۆرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ غەربى شىمالى قىسىمدىكى كىيبېر رايونى (Khyber Agency) دىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار يوشۇرنىۋالغان ئۇۋىغا قارىتا بومباردىمان قىلىش ھەركىتى ئېلىپ باردى، بۇ قېتىم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ يەتتە جايدىكى ئۇۋىسى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، بىراق ھازىر بومباردىمان قىلىنغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ سالاھىتى ئېنىقلانمىدى . قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى راھىللېر شەرىف (Rahiller Sharif) شۇ كۈنى كىيبېر رايونىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھەربىي ھەركەت داۋاملىق داۋاملىشىدۇ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا تاكى ئەڭ ئاخىرقى قوراللىق ئۇنسۇرنى يوقاتقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.پاكىستان ئارمىيىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ غەربى شىمالى قىسىمغا يوشۇرنىۋالغان پاكىستانلىق ۋە چەت ئەل قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك يوقۇتۇش خاراكتىرلىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەربىي ھەركەتلەردە نەچچە مىڭلىغان قوراللىق ئۇنسۇر يوقىتىلدى.سىنگاپور «بىرلەشمە كۈندىلىك ئاخبارات گېزىتى» نىڭ 21-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تالىبانلىرى 16-چىسلا غەربى شىمالى قىسىمدىكى پىشاۋار شەھىرىدىكى بىر ھەربىيلەر پەرزەنتى مەكتىپىگە ھۇجۇم قوزغاپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 141 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، شۇندىن كېيىن پاكىستان ھەر قايسى ساھەلىرى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ۋە چوقۇم قىساس ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈرۈش، تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سىتاستىكا قىلىنىشىچە، پاكىستان ئارمىيىسى ئۆتۈپ كەتكەن تۆت كۈن ئىچىدە 149 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى يوقاتقان.
20-چىسلا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۆسەيىن پىشاۋار بىرلەشمە قۇرۇقلۇق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ 16- چىسلادىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدا يارلانغان ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، شۇ كۈنىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغان 141 ئادەمنىڭ ئىچىدە 132 ئوقۇغۇچى ۋە توققۇز ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى بار ئىدى. ھۆسەيىن دوختۇرخانىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنى يوقلىغاندا مۇنداق دېدى:«ئۇ ھايۋانلار ھەرگىزمۇ مۇسۇلمان ئەمەس، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشقا سالاھىتى يوق.»يوقلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھۆسەيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇ قېتىملىق قانلىق پاجىئە سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ، بولۇپ بۇرۇن مەزكۇر قوراللىق تېرورچى ئۇنسۇرلارغا ئىچ ئاغرىتقان بىر قىسىم كىشىلەر، بۇ قېتىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ رەزىللەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى بىلىپ يەتتى ۋە ئۇنداق ئادەملەرنى توغرا يولغا قايتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىچ ئاغرىتىشنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا بۇنداق رەزىللىك قىلمايدۇ. بۇنداق پەسكەشلەرنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاش كېرەك. پاكىستان بۇنداق ئادەملەرنىڭ زىمىنىمىزدا تىرىك يۈرۈشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ ۋە چىداپ تۇرالمايدۇ.»
20-چىسلا پاكىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاياد مادانى (Ayad Madani) مۇ ئالاھىتەن پىشاۋار شەھىرى بىرلەشمە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى دوختۇرخانىسىغا كېلىپ ياردارلارنى يوقلىدى. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ تېرورچى ئۇنسۇرلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 57 ئەزا دۆلىتىنىڭ ھەممىسى پاكىستان بىلەن بىللە، دېدى. ئاياد مادانى مۇنداق دېدى:«بۇ پاكىستانغا قىلىنغان ئاسىيلىق. بۇ تېرورچى ئۇنسۇرلار پاكىستاننىڭ دۈشمىدۇر، ئۇلار پاكىستاننى ئاجىزلاشتۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ پاكىستان تەرەققىياتىدىن بەھرىمان بولۇش، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ۋە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالدى. ئۇلار پاكىستانغا ساتقىنلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە پۈتۈنۈ مۇسۇلمان دۇنياسىغىمۇ ساتقىنلىق قىلدى.»
20-چىسلا پاكىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار پىشاۋار قانلىق ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى. پاكىستان جەنۇبىدىكى كاراچى شەھىرىدىكى بىر مۇسۇلمان مەكتىپىنىڭ مۇدىرى نايىم (Naeem) مۇنداق دېدى:«بىز تېرورچى ئۇنسۇرلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشى خاتا، قانۇنسىز ۋە گۇناھ قىلمىشتۇر.» شۇ جاي ۋاقتى 16-چىسلا تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ پاكىستان مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، پاكىستان زۇڭلىسى ناۋاز شېرىف (Nawaz Sheriff) شۇ جاي ۋاقتى 17-چىسلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شۇ قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولغان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.پاكىستان تالىبان قوراللىقلىرى غەربى قىسىمدىكى پېشاۋار شەھىرىدىكى بىر ھەربىيلەر بالىلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نەچچە يۈز كىشى قازا قىلغان، گەرچە 2008-يىلىدىن باشلاپ پاكىستان دۆلەت ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، پاكىستان زۇڭلىسى بۇ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاشكارە جىددىي يىغىن چاقىرىپ مەزكۇر تېررورچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرۈش قارار قىلىنغان بولۇپ، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شىتابى لاھلى شېرىف (Lakhli Sheriff) كابۇلغا بېرىپ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ئەشرەف غەنى (Mohammad Ashraf Ghani) بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ ئافغانىستانغا يوشۇرنىۋالغان تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھازىرقى ئالى رەھبىرى موللا فەزلىلۇلا (Mullah Fazli Lula) نى قولغا چۈشۈرۈش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاھلى شېرىف ئارمىيە رەھبەرلىرىگە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved