گېرمانىيەدىكى «دۇنيا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ، لېكىن گېرمانىيە ئارمىيە دائىرىلىرى تارىخىي ئارخىپلاردا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەر خاتىرلەنمىگەن بۇ رايوندا ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. مىسىر، ئىراق، كۇۋەيت، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر ئىلگىرى گېرمانىيىلىك سىياسىيون ۋە ئىستراتېگىيىچىلىرىنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇرىنى قوزغاتقان، ئەمما ئۇلارنىڭ پىلانى تېزلا بەربات بولغان ھەم تىراگىدىيە بىلەن ئاياغلاشقان. گېرمانىيەلىكلەر 1188-يىلى تۇنجى قېتىم سۈرىيىگە يۈرۈش قىلغان. ئەينى چاغدا «قىزىل بۇرۇت» دەپ ئاتالغان رىم ئىمپېراتورى فرىدرىخI ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئىرۇسالىمنى ئىگىلەپ، پادىشاھلىق ھاياتىدىكى زور تۆھپە سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىگە قالدۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيەگە ئەسكەر چىقارغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن 1190-يىلى ئەسكەرلەر سۈرىيەنىڭ تارۇس تاغ ئېغىزغا كەلمەي تۇرۇپلا فىرردېرىخII گۆكسۈ دەرياسىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.
ئۇنىڭ نەۋرىسى فرىدرىخII قىرىق يىلدىن كېيىن قوشۇنىنى سۈرىيىدىن ئايلىنىپ ماڭغۇزۇپ، كېمە بىلەن ئېرۇسالېمغا كېلىپ ئررۇسالىمنى بويسۇندۇرغان ھەم بۇ شەھەرنى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ تاۋاپ قىلىشىغا ئېچىۋەتكەن. ئۇ كېرىست ئارمىيىسىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىش تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق نەتىجىنى ياراتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي بىر يۇرتلۇق رەقىبىگە يېڭىلىپ قالغان.
شۇنىڭدىن كېيىنكى 500 يىلدا گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلار شەرققە يۈرۈش قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئەنگلىيە فرانسىيە ۋە رۇسىيە بۇ مەزگىلدە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى يۇتۇۋالغان. گېرمانىيە پادىشاھى ۋېليام 1900-يىللىرى ئەتراپىدا باغداتقا تۆمۈر يول قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېشىغا پىت تېرىۋالغان. ئۇ بۇ تۆمۈر يول ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئوتتۇرىسىدا بىر ئىستراتېگىيەلىك يول ئېچىشنى پىلانلىغان. گەرچە ئۇنىڭ بۇ تەكلىپى كونىستانتىنپول سۇلتانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق باشقا كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر گېرمانىيىگە بىرلىشىپ قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 1914-يىلى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان، بۇ ئۇرۇش ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقان.
گېرمانىيە ئارمىيىسى 22 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلغان. ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىتالىيە شىمالىي ئافرىقىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، روممىل ئافرىقا ئارمىيىسىنى باشلاپ لېۋىيەگە يۈرۈش قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى ھىندىستان بولسىمۇ، بىراق مىسىر ۋە ئەنگلىيە باشقۇرۇۋاتقان سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ 1942-يىلى ئىسكەندەرىيە پورتىغا 100كىلومېتىر قالغاندا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەزەلدىن شەرققە يۈرۈش قىلسىلا ئۇلارنى نەس باسقان، گەرچە گېرمانىيەنىڭ تارىختىن بۇيان شەرققە يۈرۈش قىلىپ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ باقمىغانلىقىنى ھازىرقى ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرۇش تازا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىم «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش ئۈچۈن شەرققە ئالغان سەپىرى تارىختىكى نەتىجىسىدىن كۆپ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved