جاھان ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: 320 مىڭ نۇپۇسقا ئىگە بولغان ئارال دۆلىتى ئىسلاندىيە، 6 يىل بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىق ئىلتىماسىنى قايتۇرۋالدى.
ئىسلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Gunnar Sveinsson ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىنى ، دۆلەتكە زىيارەتكە كەلگەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشلىقى لىتۋانيانىڭ تاشقى ئشىلار مىنىستىرى Edgars Rinkevics غا بىر مەكتۇب يېزىپ رەسمىي بىلدۈردى.
ئىسلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ھۆكۈمەت ئىسلاندىيەنى بۇنىڭدىن كېيىن ئەزا نامزات دۆلىتى دەپ قارىمايدۇ. ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ياۋرۇپا ئتتىپاقىدىن بۇ قارارغا مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى سىياسەتنىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش مۇزاكىرىسىدە بېرىلگەن ۋەدىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ» دېيىلدى.
ئىسلاندىيە 2009-يىلى 16-ئىيۇل ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئىتتىپاققا قاتنىشىش مۇزاكىرىلىرىنى 1 يىلدىن كېيىن باشلىغان بولسىمۇ، 2013-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا قارشى چىققان ئوڭچىل مۇستەقىللىق پارتىيىسى ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەشكىل قىلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتكە چىقىشى بىلەن ئەھۋال ئۆزگەردى. ئىسلاندىيە، بىريۇسسېلنىڭ 2013-يىلى 13-سىنتەبىردا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، ئىسلاندىيەنى بۇ قاراردىن قايتۇرۇش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىز قالدى.
ياۋرۇپا ئەركىن تىجارەت ئىتتىپاقى، ياۋرۇپا ئىقتىساد مەيدانى ۋە Schengen رايۇنىغا داخىل بولغان ئىسلاندىيە دۆلىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا بولغان مۇزاكىرىلەردە بېلىقچىلىق تىمىسىدا ئەڭ چوڭ چۈشىنىشمەسلىك پەيدا بولدى.
شىمالى ئاتلانتىك ۋە شىمالى مۇز دېڭىزى ئارىسىدىكى 320 مىڭ نۇپۇسقا ئىگە ئارال دۆلىتى ئىسلاندىيە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇتۇب ئىستىراتىگىيەسى نوقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved