باھار كەلگەندە گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ ئەتراپ يېشىللىققا پۈركىنىدۇ. بۇ ساياھەت قىلىدىغان ياخشى پەسىل بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن بەھرە ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ئەتىيازدا ساياھەت ھەرقانچە كۆڭۈللۈك بولسىمۇ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ھارغىنلىق قاپلاپ، روھسىز بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ياكى مۈگۈدەك بېسىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا خۇش پۇراقلىق، مەززىلىك گۈل – گىياھ چايلىرىدىن مۇۋاپىق ھۇزۇرلىنىش خىزمەت بېسىمىڭىزنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ھارغىنلىقىڭىزنى يوقىتىدۇ.
ئۈستىقۇددۇس - لىمون چېيى
ماتېرىيالى: قۇرۇق ئۈستىقۇددۇس غۇنچىسى 5 6 - تال، لېمون ياپراقچىسى ياكى لېمون شەربىتى.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۈستىقۇددۇس غۇنچىسى بىلەن لېمون پايراقچىسىنى ئىستاكانغا سېلىپ، قايناق سۇ قۇيۇپ ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى ياپقاندىن كېيىن، 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە تۇرغۇزىسىز. ئەگەر لېمون شەربىتى بولسا چاي دەملىنىپ سۇس يېشىل رەڭگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن قۇيسىڭىز بولىدۇ.
ئۈستىقۇددۇس ئىنتايىن خۇش پۇراقلىق، ئۇنى نۇرغۇن خانىم – قىزلار ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بېسىمنى يەڭگىللىتىش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش رولى بار؛ لېمون سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، باش ئاغرىقنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە، ئۇ يەنە سۇس خۇشبۇي پۇراق چىقىرىپ ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ.
جۈخار - ئادەمگىياھ چېيى
ماتېرىيالى: قۇرۇق جۈخارگۈل غۇنچىسى 4 5- تال، ئادەمگىياھ 10 - 20 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئادەمگىياھنى ئىنچىكە كېسىۋېلىپ ئىستاكانغا سالغاندىن كېيىن، ئۈستىگە جۈخارگۈل غۇنچىسىنى سالىسىز، ئاندىن قىزىق سۇ قويۇپ، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى يېپىپ 10 15 -مىنۇت تۇرغۇزىسىز.
ماسلىشىش پىرىنسىپى: ئادەمگىياھنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامېن بولۇپ، ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىنى تەڭشەيدۇ، ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ؛ جۈخارمۇ ئىنتايىن خۇش پۇراقلىق بولۇپ ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
قىزىلگۈل – يالپۇز چېيى
ماتېرىيالى: قۇرۇق قىزىلگۈل غۇنچىسى 4 5- تال، يالپۇز ئاز مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: قىزىلگۈل بىلەن يالپۇزنى ئىستاكانغا سېلىپ، قايناقسۇ قۇيۇپ، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى يېپىپ 10 15 -مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزىسىز. بۇ چاينى سوۋۇغاندا ئىچسىڭىز كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.
قىزىلگۈلنى بارلىق خانىم – قىزلار ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ قاننى جانلاندۇرۇش، كەيپىياتنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە؛ يالپۇز چارچاشنى تۈگىتىپ ئادەمنى تېتىك قىلىدۇ؛ ئەتىرگۈلنىڭ شېرىن تەمىگە سۇس يالپۇز تەمى قوشۇلسا تولىمۇ ئىچىشلىك، چۈچۈمەل تەم ھاسىل بولىدۇ.
ھەسەل – جۈخار چېيى
ماتېرىيالى: ھەسەل، جۈخارگۈل بەرگىسى.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ھۆل جۈخارگۈل بەرگىسىنى ئېزىپ، سۇدا يېرىم سائەت قاينىتىسىز، سۈزۈپ داشقىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن بوش ئوتتا 500 مىللىيلېتىر قالغۇچە قاينىتىسىز، ئاندىن ئۇنى سوۋۇتىسىز، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى سېلسىيە 60 گىرادۇسقا چۈشكەندە ھەسەل قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىسىز. تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
مېۋە – قىزىل چاي
ماتېرىيالى: ئالما، كىچىك ئاپېلسىن، قىزىل چاي.
تەييارلاش ئۇسۇلى: قىزىل چاينى 85 گىرادۇسلۇق قايناق سۇدا دەملەيسىز، مېۋىلەرنى پاكىز يۇيۇپ پارچىلىۋالىسىز، دەملىگەن چېيىڭىز سوۋۇغاندا مېۋە پارچىلىرى، ھەسەلنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىسىز.
ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ، بەدەندىكى ماينىڭ مېتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved