سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن پايتەخت دەمەشىقتە قەسەم بېرىپ سۈرىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى، بۇ ئۇنىڭ 3-قېتىم 7 يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى.
ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، باشار ئالدى بىلەن 3 ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاندىن ھەربىي ئوركېستىرنىڭ مۇزىكا تەڭكەش قىلىشىدا دەمەشىق خەلق سارىيىغا كىردى. تەكلىپكە بىنائەن مۇراسىمغا قاتناشقان سۈرىيەنىڭ سىياسىي، ئارمىيە ۋە دىنىي ساھەسىدىكى زاتلار ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ چاۋاك چېلىپ، باشارنى تەبرىكلىدى.
باشار نۇتۇق سۆزلىگەندە، مېنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سۈرىيەنىڭ ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىپلا قالماي يەنە مىللىي يارىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved