كورىيە ھۆكۈمىتى كادىرلار ئىسلاھات باشقارمىسى 5- يانۋار كورىيە گوۋۇيۈەنىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن « دۆلەت مەمۇرلىرى ئىش ھەققى ۋە نەپىقە پۇلى بەلگىلىمىسى »نى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ بەلگىلىمىدە مال باھاسى، خەلقنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيىسىنىڭ ئۆسكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ بۇ يىللىق ئىش ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنى %3 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈش قارار قىلىنغان، ئەمما ھەر قايسى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈش چاستۇتىسىدىمۇ پەرىق بار ئىكەن.
خەۋەلەردە ئېيتىلىشىچە كورىيە زۇڭتۇڭ پاڭ گىيۇنھىنىڭ بۇ يىللىق ئىش ھەققى 210 مىليون ۋونغا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق ئىش ھەققى ئۆتكەن يىلقىدىن %3.4 پىرسەنت ئۆسكەن. كورىيە زۇڭلىسىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 164 مىليون 360 مىڭ ۋونغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆتكەن يىلقىدىن %3.4 ئۆسكەن. مۇئاۋىن زۇڭلى ۋە باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 124 مىليون 350 مىڭ ۋونغا ئۆستۈرۈلگەن، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 120 مىليون 860 مىڭ ۋونغا ئۆستۈرۈلگەن.