ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى خادىملىرى

‏يېقىندا ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ناچارلاشتى، سىرتتىكىلەر ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئىراققا قانچە ئادەم قويۇپ قويغانلىقى، بۇ ئادەملەرنىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقانلىقىغىمۇ دىققەت قىلىۋاتىدۇ.


2011-يىلى 18-دېكابىر، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن، باغداتتا 420 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئەلچىخانا قالدۇرۇپ قويدى، بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسى ھېسابلىنىدۇ. 2011-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5000 بىخەتەرلىك خادىمى كۆپەيتتى، ئەلچىخانىدىكى خادىملىرىنىڭ سانى 15 مىڭ ئادەمگە يەتتى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئىلگىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى خادىملارنىڭ سانى زىيادە كۆپ، تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئىراققا بولغان تەسىرى ئامېرىكىدىن چوڭ، لېكىن تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا پەقەتلا 55 ئادەم بار، دىپلوماتلار 10غىمۇ يەتمەيدۇ، دېگەن ئىدى.


شۇنچە كۆپ ئامېرىكىلىقنىڭ باغداتتا تۇرۇشى ئىراقلىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغان شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي داھى مۇخدات سادىر ئەسكەرتىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى خادىملارنىڭ سانى ئازايمىسا، بىز ئۇلارنى تاجاۋۇزچى دەپ قاراپ، ھۇجۇم قوزغايمىز، دېدى. ئىراق پارلامېنتىنىڭ ئايال ئەزاسى ناھىدە دانى: ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنچە چوڭ ئەلچىخانا سېلىشىدا چوقۇم بىر مەقسەت بار، ئۇلار ئىراقتا تۇرۇپ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىنى كونترول قىلماقچى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ بازىسى بولىدۇ، دېگەن ئىدى.


لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەمىس ئامېرىكىنى ئاقلاپ، بۇنچە كۆپ ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنى ئىشلىتىشىمىز بىخەتەرلىك ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ قورال كۈچىمىزنى كۆز كۆز قىلغانلىق ئەمەس، دېدى.


شۇنچە كۆپ خادىم ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن كېيىنكى ئىراقتا تۇرسا، ئەشيا تەمىناتى، ئارقا سەپ تەمىناتى، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن مەسىلىلەر بولىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم «مۇۋاپىق ئۇسۇل» بىلەن ئىراقتا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگىنىنىڭ كۆلۈمىنى كىچىكلەتتى، ئاساسلىقى ھۆددىگەرلەرنىڭ سانىنى ئازايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقلىقلارنى ئىشلىتىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، شۇ يەردە ماددىي ئەشيا ۋە مۇلازىمەتكە ئېرىشمەكچى بولدى.
ئادەم سانى ئازايغاندىن كېيىن، ئەلچىخانىدىكى خادىملارنىڭ سانى 2013-يىلى 1-ئايدىكى 12 مىڭ 500دىن 2014-يىلى 1-ئايدىكى 5500گە ئازايدى. تەھلىل قىلىنىشچە، بۇ 5500 ئادەم ئەلچىخانىنىڭ دىپلوماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا ئەلچىخاندىكى دىپلوماتلارنىڭ سانى 2000دىن ئېشىپ كەتكەن، ھازىر 1000دىن ئارتۇق دىپلومات بار ئىكەن.


مۇنتىزىم قىسىمنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئەسى ھۆددىگەرلىرىنى ئىشلىتىپ، ھەربىي ئىشلار، ئاخبارات، ئارقا سەپ قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىسى، ئامېرىكا بۇ ئۇسۇلنى ئىراقتىمۇ قوللاندى.

‏2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئەسى ھۆددىگەرلىرى ئارمىيە بىلەن تەڭ چېكىنمىدى، ئۇلار ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا خىزمەت قىلدى، ئۇلار باغداتتىكى ئەرۋاھ دەپ ئاتالدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ لايىھەسى بويىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى قاراۋۇللۇق قىلمىغان «يېشىل رايون»لارنىڭ مۇداپىئە مېخانىزىمى كۈچەيتىلىدۇ، مەسىلەن پارتلاشتىن ساقلىنىش تېمى سېلىش، مىناميۇت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەكشۈرەلەيدىغان رادار ئورنىتىش، ئاجىز پارتلاشقا تاقابىل تۇرالايدىغان قاتناش قورالى ئىشلىتىش قاتارلىقلار، بۇ ئەسلى ئارمىيە مەسئۇل بولىدىغان خىزمەتلەر ئىدى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرلىرىگە تاپشۇرۇلىدۇ.


ھازىر، ئىراقتا زادى قانچىلىك دۆلەت مۇداپئە ھۆددىگىرىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە باشقا تاشقى ئىشلار ئاپپاراتلىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. 2010-يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن، ئىلگىرى 8 شىركەت بىلەن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مۇددىتى بەش يىللىق «يەر شارىنى قوغداش مۇلازىمىتى» ھۆددە توختامىنى ئىمزالىغان ئىدى. بۇ 8 شىركەت ئىچىدە دەيئىن شىركىتى چوڭ تىپتىكى بىر ھەربىي ئىشلار ھۆددە شىركىتى بولۇپ، خادىملىرى دۈشمەنلىشىۋاتقان رايونلاردا خىزمەت قىلغان ھەربىي سەپتىن چېكىنكەن ئامېرىكىلىق ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


چىرىپلى كانوپېي شىركىتى 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پىشقەدەم ئەسكىرى، باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپ قىسمىمۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى.


نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتا يەنە تەخمىنەن 250 ئەسكىرى بار. ئەلۋەتتە، بۇ قىسىم ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىم ئەمەس، ئاساسلىقى بىخەتەرلىك جەھەتتە مۇداپئەلىنىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يېرىمى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىنى قوغداشقا مەسئۇل دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئەلچىخانا مۇھاپىزەتچىلىرى. قالغان يېرىمىنىڭ كۆپى ئىراق بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىش باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، ئىراق قىسىمىغا ھەربىي مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىگە مەسئۇل، جۈملىدىن ئىراق قىسىمىدىكى ئوفىتسىرلارنى تەربىيلەشكە ياردەملىشىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.


چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىغا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ خادىملىرىنى ئەۋەتىپ بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىش ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا يەر شارىدىكى 100 نەچچە دۆلەتتىكى تەخمىنەن 149 ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىغا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىمسىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار بىردەك ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئەلچىخانا بىخەتەرلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، بولۇپمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق مەخپىي ماتىرياللار ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە تۇرۇشلۇق دۆلەت ياكى ئامېرىكا ياللىغان شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نازارەت قىلىشىغا ياردەملىشىش؛ ئۈچىنچى، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئەلچىخانا بىنالىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۈلۈكلەرنى قوغداش. نۇرغۇن چاغلاردا، مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسلىقى دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرى بىناسى ئىچىدىكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىگە مەركەزلىشىدۇ، ئۇلار ئەڭ جىددى ئەھۋالدا ئاندىن بىنانىڭ سىرتىنى قورشايدۇ ياكى دىپلوماتىيە ئاپپاراتى ھويلىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنى ئالاھىدە قوغدايدۇ. ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت قىسمى بەلگىلىك دەرىجىدە دىپلوماتىيە جەھەتتە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىدىن بەھىرىمان بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
18-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek