مىسىر ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى بولغان سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 163 كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ سۇ يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم سۇ يولىنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن 25 مىڭ پاراخوت سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى دېڭىز تىرانسپورتى سودىسىنىڭ % 14 تىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ پاراخوتلىرى مىڭغا يېتىدۇ. « دېڭىز تىرانسپورتىدىكى A380» دەپ ئاتالغان كونتېينېر پاراخوت « ئوتتۇرا دېڭىز ھىندى ئوكيان » 18-ماي مىسىرنىڭ سۇۋەيىش پورتىغا يېتىپ بېرىپ، ئەتىسى سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشنى ساقلىدى. بۇ پاراخوت ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار كونتېينېر پاراخوتنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر بولۇپ، پاراخوت گەۋدىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچەملىك تۆت پۇتبول مەيدانىدىن چوڭ، ئۆلچەملىك كونتېينېردىن 19 مىڭنى توشۇيالايدۇ. « ئوتتۇرا دېڭىز ھىندى ئوكيان » ناملىق كونتېينېر پاراخوتنىڭ باشلىقى جو چېنۋېي مۇنداق دېدى : مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا ئېچىلىدىغان يېڭى سۇۋەيىش قانىلى ھازىرقى تاق سۇ يولىدىن قوش يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلسە، پاراخوتلارنىڭ سۇۋەيىش پورتىدا توختاش ۋاقتى قىسقىراپ، قانالدىن دەرھال ئۆتەلەيدۇ، ۋاقىت ھەم يېقىلغۇمۇ تېجىلىدۇ، بۇ يەنە شىركەتنىڭ يول بويىدىكى مال توشۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ پايدىلىق ھەم دۆلەتنىڭ « بىر بەلباغ، بىر يول » ئىستراتېگىيەسىگە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved