مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا



باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللەپ راۋاجلىنىش باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.


مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشنى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىغا شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، مىللەت، دىننىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىش جەريانىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى كۆزلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆككەن ئاساستا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يېتىدىغان تۈگۈننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي باراۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىناقلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللەپ راۋاجلىنىش باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.


مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، جۇڭگو ئارزۇسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخى››نىڭ تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ شەپقىتى، دۆلەت ۋە پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ قوللىشى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، شىنجاڭنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولى، پائال ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى مەردانىلىك بىلەن سۆزلەش كېرەك.

بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا بولغان قەتئىي ئىنتىلىشىنى شىنجاڭنى قۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئاڭلىق ئېڭى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىلغار ئىدىيە، سەمىمىي، ياخشى ۋە گۈزەل سۆز – ھەرىكەتلەر بىلەن تەشۋىقات، جامائەت پىكرى بازىسىنى ئىگىلەش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ۋە شىنجاڭ روھى تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ئىشلىرى نەتىجىلىرى ۋە ئىستىقبال تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللىي روھ، دەۋر روھى، ئىلىم – پەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىش، ھەقىقەتنى سۆيۈش، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش، نادانلىقنى ئىنكار قىلىشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ھەق ئېتىقادنى تۇرغۇزۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۈچنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇجەسسەملەش كېرەك.

دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، دىنىي زاتلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى، دىننى سۆيۈشكە باشلامچىلىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى تەربىيەسى، شۇنداقلا سىياسەت ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى يۇرتىنى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.


ھەممەيلەن بەس – بەستە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلاردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى – شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى.

 



خەتكۈچلەر:
12-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek