ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 16-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋاردا يۈز بەرگەن ھەربىيلەرنىڭ پەرزەتلىرى مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: تېررورچىلار ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى نىشان قىلىپ ئەسەبىيلەرچە ھۇجۇم قىلىشى ئۇلارنىڭ ياۋۇز قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى. ئوباما مونۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئامېرىكا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش، رايون تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved