پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى ھازىر ئائىلىلەرنىڭ ئاساسلىق چىقىم تۈرلىرى بولۇپ قالدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى ئۈچۈن بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە تۇرالغۇ سۇغۇرتىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان. باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش خىراجىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقى ئاتا – ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا. شۇڭا پەرزەنتلەرگە ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوقۇش خىراجىتى تەييارلاش ئۈچۈن، پەرزەنتلەر مائارىپىدا روزغارچىلىق پىلانىنى يولغا قويۇش زۆرۈر. مائارىپ خىراجىتىنى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇللىرى مائارىپ پۇل ئامانىتى كەسپى، روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مائارىپ سۇغۇرتىسى ۋە فوندىغا مۇقىم مەبلەغ سېلىش كەسپىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك بولىدۇ.
مائارىپ پۇل ئامانىتى ئەڭ بىخەتەر ۋە ساغلام مەبلەغ سېلىش تۈرى.
بۇنداق پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلى مائاش كىرىمى تۆۋەن، مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشچانلىق تەلىپى بار ئائىلىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ كەسىپتە پۇلنى بانكىغا پارچە ئامانەت قويۇپ توپ ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلىنى پەرزەنتلەرنىڭ يېشى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ پۇل ئامانىتىدە ئۆسۈم تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە توپ قويۇپ توپ ئالىدىغان پۇل ئامانىتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېتىبار ئۆسۈم نىسبەت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق پۇل ئامانىتى پارچە قويۇپ توپ ئالىدىغان پۇل ئامانىتى بولغاچقا، مەبلەغنىڭ ئوبوروتچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.
مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتى
مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتى يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىدىغان ۋە ئائىلە باشلىقلىرى تاللاشقا تېگىشلىك بىر تۈرلۈك مەھسۇلات بولۇپ، خەلق پۇلى بىلەن چېتىلىدىغان مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتى، قەرز چېكى بىلەن چېتىلىدىغان مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتى ۋە ۋېكسېل بىلەن چېتىلىدىغان مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ قەرەلى توشسا كۆزلىگەن ئۈنۈمى %15 تىن ئاشىدۇ. مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئۈنۈمى بانكىنىڭ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى بازىرى ۋە پۇل بازىرىدىكى قەرز چېكى، چەك – ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ قەرەلى ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن توشىدىغان بولغاچقا، مائارىپنىڭ دەۋرىيلىكى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان.
مائارىپ سۇغۇرتىسى
ئائىلە باشلىقلىرى مائارىپ پۇل ئامانىتى ۋە مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە مائارىپ سۇغۇرتىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن سۇغۇرتا شىركىتى مائارىپ سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويغان. مائارىپ سۇغۇرتىسى روزغارچىلىق ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئارتۇقچىلىقنى ھازىرلىغان بولغاچقا، مائارىپ سۇغۇرتىسىنىڭ خەۋپ – خەتىرى بانكىنىڭ مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتىغا قارىغاندا ئازراق بولىدۇ. مائارىپ فوندى سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال سۇغۇرتىسى ۋە قىممەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئايرىم سېتىۋالغىلى بولمايدىغان سۇغۇرتىنى قوشۇمچە سۇغۇرتا قىلىپ سېتىۋالغاندا، نىسبەتەن تۆۋەن باھادىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى مائارىپ فوندى سۇغۇرتىسى يەنە بالىلارنى ياخشى بولغان داۋالىنىش ۋە تاسادىپىي يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەزى سۇغۇرتا شىركەتلىرى پەرزەنتلەر مائارىپى سۇغۇرتىسىنى بېجىرگەنلەرگە بالىلارنىڭ تاسادىپىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتىنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى مائارىپ فوندى سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغاندا، ئەڭ ياخشىسى قوشۇمچە ئىقتىدارى بار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ، كەلگۈسىدە مائارىپ فوندى ئېھتىياجىنى پىلانلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلارنىڭ كېيىنكى ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈلۈش ئىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش
مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش كەسپى مەبلەغ سېلىش مەزگىلى ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مۇقىم ۋاقىت ۋە مۇقىم سوممىدا مەلۇم فوند مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش كەسپىنى كۆرسىتىدۇ. مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش خەۋپ – خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان مائاش قاتلىمىدىكىلەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق فوندقا سالغان مەبلەغنىڭ تەننەرخى ئوتتۇرىچە بولغانلىقتىن، خەۋپ – خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
مائارىپ روزغارچىلىقى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان بولۇپ، ئاتا – ئانىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتىنى تاللاپ، پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى زور سوممىلىق مائارىپ چىقىم ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved