ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى تۇرمۇشى

روژدېستۋو بايرىمى، يېڭى يىل قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايراملىرى قىش پەسلىگە مەركەزلەشكەنلىكى، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا قەھرىتان سوغۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئاساسىي جەھەتتىن بايرام ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدۇ ۋە دەم ئېلىشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويىدۇ. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، كۇرسلارغا قاتنىشىش ئاساسلىقى يازلىق تەتىل مەزگىلىگە مەركەزلىشىدۇ.


ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتانلىرى، ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئوخشاش ئەمەس، ئادەتتە تەتىلگە قويۇپ بېرىش، ئوقۇش باشلاش ۋاقىتلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ نيۇ يوركتىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىمۇ جۇڭگو مەكتەپلىرىنىڭ تەتىل ۋاقتىغا ماس كەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى روژدېستۋو بايرىمىدىن يېڭى يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم تەتىل قويۇپ بىرىدۇ، 2-ئاي مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم تەتىل قويۇپ بېرىدۇ. نيۇ يوركتىكى سىتەيۋىنسىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ خەنياڭنىڭ دادىسى خۇاڭ كەي مۇنداق دېدى: نيۇ يوركتا پۈتۈن شەھەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن توققۇزى بار، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، سىتەيۋىنسىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدەك مۇنداق نەتىجە ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغان پۈتۈن نيويوركتىكى بىردىن بىر نۇقتىلىق مەكتەپلەر قىشىلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەتىل تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ.


خۇاڭ كەي مۇنداق دېدى: قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى قىسمەن تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر كىتاب ئوقۇش، تېما ئىشلەش تاپشۇرۇقى بېرىدۇ. بۇ تاپشۇرۇقنى ئىشلەش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار كۈتۈپخانىلار ياكى تورغا چىقىپ ماتېرىيال كۆرۈدۇ . بۇ تاپشۇرۇقلار كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بەزىدە بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇ مەكتەپنىڭ پرىنسىپى تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى دەم ئالدۇرۇش،دېدى.


خۇاڭ كەي مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە قىسمەن مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئاتا ئانىلارمۇ 2-ئايدىكى تەتىل مەزگىلىدە پەرزەنتلىرىگە ئالىي مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئادەتتە لېكسىيە ئاڭلاش، مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكسىيىدە ئادەتتە مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئىشخانىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكى، كەسپىي ئۈستۈنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىشى قاتارلىقلارنى سۆزلەيدۇ. مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا شۇ مەكتەپنىڭ ستۇدېنتلىرى يېتەكلەيدۇ.

 

ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى كۆرۈش پائالىيىتى كۆپرەك يازلىق تەتىل مەزگىلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يەنە كۆپ خىل ئۇچۇرلار ئالايلۇق،تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۇچۇرلىرى، پىدائىيلىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا ئالاقىلىشىدۇ. ئامېرىكىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتە پىدائىي بولىدۇ. بۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشنىڭ بىر مەزمۇنى شۇنداقلا ياخشى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئويلىشىدىغان مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچى.


نيو يورك بۇرىكلىن 105–باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خۈيلىن مۇنداق دېدى: قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە قانداق پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرۇشنى ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بىزنىڭ مەكتەپتە مەخسۇس ئاتا ئانىلار مەكتەپ كومىتېتى بۇنى پىلانلايدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ھەر يىلى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە سىرتلارنى ساياھەت قىلىش ۋە ئېكسكۇرسىيە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرىدۇ.


ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن مەكتەپ بىلەن ئاتا ئانىلار مەكتەپ كومىتېتىنىڭ بايلىقى ۋە مەبلىغى چەكلىك، شۇڭا ئادەتتە چەك تارتىش چارىسى قوللىنىلىدۇ. چەك تارتقان ئوقۇغۇچىلار ئاتا ئانىسى پەرزەنتىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ؛ ئالايلۇق، نيۇ يوركتىكى باراۋىنكىس ھايۋاناتلار باغچىسى، نيۇ يورك تەبئىيەت تارىخ موزىيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: پائالىيەتتە مەكتەپ بىلەن ئاتا ئانىلار مەكتەپ كومىتېتى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقا بارلىق خىراجەتلەرنى تۆلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئاتا ئانىلار بىلەن پەرزەنتلىرى بىرلىكتە قاتنىشىدىغان پائالىيەت بولغاچقا، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.



خەتكۈچلەر:
03-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىقتىكى سىتۇدېنت قىز ۋاڭ شەن خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تارقاتقان 2015 - يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چولپىنى» شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئ...
30-04-2016
     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجىئابلا خەۋىرى، فوتوسى: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ «تەنھەرىكەت، ساغلاملىق _ مېنىڭ خۇشاللىقىم» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يەسلى بالىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28-ئاپرېل ...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك 1-قوش تىللىق بالىلار يەسىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى»نى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىملەرنى سىزىپ، كۆرگەزمە تەشكى...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى سىچۈەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تور ئالاقە تورىدا مەكتەپنىڭ بىر يۈرۈش سۈرىتنى چىقارغان، سۈرەتتە ئايلانما ئىشىك، چوڭ ياي شەكلىدا سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كوچا، بوئىن ئايروپىلانى قاتارلىق ...
29-04-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي مائارىپتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئەخلاق ۋە تۇرمۇش»، «ئىدىيىۋى ئەخلاق» قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسمىنى ...
29-04-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى لۇغەتلەرنى تەكشۈرۈش-بېكىتىش مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى 29-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ...
29-04-2016
    كىشىلەر دائىم تەبئىي تالانتلىق كىشىلەر بىلەن ساراڭلارنى ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارىشىدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنىڭ پەرقى تېخىمۇ كىچىككەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگ...
28-04-2016
     «كىچىك 211» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتې...
28-04-2016
      4-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلى...
28-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى 18 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يۈشۈەن ئۆزىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ۋاڭ يۈشۈەننىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى مەرھابا يولىدا بولۇپ، ھازىر ئۇ ئۈرۈمچى جوڭجى خەلقئارا مەكتىپىدە ...
Powered by Leglek