پارىژ كىلىمات يىغىنى 300 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ

       ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، پارىژ كىلىمات يىغىنى مەزگىلىدە كاربوم تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كۆپىيىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھازىر پارىژدا چاقىرىلىۋاتقان كىلىمات يىغىنىغا 195 دۆلەتتىن كەلگەن 50 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلاردىن باشقا كىشىلەر، يەنى كارخانىچىلار، مۇھىت ئاسرىغۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، مۇخبىرلار قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. بىراق بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايروپىلانغا چىقىپ پارىژغا كېلىدىغان بولۇپ، پارىژغا بېرىپ-قايتىش سەپىرىدە ئۇلار 300 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدىكەن.

مەزكۇر سانلىق-مەلۇماتنى ئامېرىكا Wired تور بېكىتىنىڭ مەخسۇس سىتونلۇق مۇخبىرى نىك سىتكتون (Nick Stockton) ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:«مەزكۇر سانلىق-مەلۇماتنى مەن قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغاچ بىر تازلىق قەغىزىگە يېزىپ ھېسابلاپ چىققان، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق سانلىق-مەلۇماتنى ب د  ت كېيىنرەك ئېلان قىلىدۇ.»

         خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىنغا 22 مىڭ ئەمەلدار ۋە قوشۇمچە ياردەمچىلەر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە ب د ت خادىملىرى، مۇھىت ئاسرىغۇچىلار، كارخانىچىلار، ئونىۋېرستېت تەتقىقاتچىلىرى، ئىجدىمائىي تەشكىلات ئەزالىرى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. نىك سىتكتوننىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق پارىژ كىلىمات يىغىنىغا كېلىدىغان ئادەمنىڭ سانى 50 مىڭدىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

بۇ كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، بىر قەدەر يېقىن بولغانلىرى ئافرىقا، ياۋروپا قىتئەلىرىدىن كېلىدۇ، بىر قەدەر يىراق بولغانلىرى ئوكيانىيە، ئاسىيا قىتئەسى، ئامېرىكا قىتئەسىدىن كېلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشى 14 مىڭ 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ كېلىدۇ.

    نىك سىتكتون مۇنداق دەپ پەرەز قىلدى، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 50 مىڭ ئادەمنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا قىتئەسى دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ماشىنا ھەيدەپ ياكى پويىزغا ئولتۇرۇپ پارىژغا كېلىدۇ، بىراق باشقىلار بولسا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا ماي باكىنى لىق تولدۇردى، دەپ پەرەز قىلساق، ھەر بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان شۇ ماينى سەرپ قىلىپ تۈگىتىدۇ. بىر دانە بوئىن 747 ئايروپىلانى ھەر بىر تۆت لىتىر يېقىلغۇ سەرپ قىلغاندا 265.5 كىلومېتىر مۇساپىنى باسالايدۇ. بۇنداق ھېسابلىغاندا، 50 مىڭ ئادەم 102 مىليون لىتىر يېقىلغۇ سەرپ قىلىدۇ.

ھەر بىر لېتىر يېقىلغۇ ئاتمۇسفىراغا 9.5 كىلوگىرام كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى ساننى بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىغاندا شۇنى چىقىرىشقا بولىدۇكى، پارىژ كىلىمات يىغى ئەسلىدە كاربوم تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن ئېچىلىدىغان يىغىن بولسىمۇ، بىراق شۇ يىغىننى ئېچىشقىلا 287 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىلىدۇ.

      ئۇلار پارىژغا كەلگەندىن كېيىن مېھمانخانىلاردا تۇرىدۇ، تاماق يەيدۇ، ئويۇن ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، ئاپتۇبۇسقا ياكى تاكسىغا ۋە ياكى مەخسۇس ماشىنىغا ئولتۇرىدۇ، بۇ پائالىيەتلەر كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۆپەيتىپ، ئومۇمىي قويۇپ بېرىلىش نىسبىتىنى 300 مىڭ توننىغا يەتكۈزىدۇ.

300 مىڭ توننا ئاڭلىماققا ناھايىتى چوڭ بىر سان، بىراق يەر شارى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىلىش مىقدارىغا قارىتا ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، بۇ قىلچىلىكمۇ بولالمايدۇ. ياكى مىڭدىن بىر قەترە ھېسابلىنىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    6-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېيجىڭ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بىر مەيدان گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇرنى كۈتۈۋالدى، يامغۇرغا قوشۇلۇپ گۈلدۈرماما ۋە چاقماق چاقتى، قىسمەن جايلاردا مۆلدۈر چۈشتى. سۈرەتتە بېيجىڭ يۈەنمىڭيۈەن ئەتراپ...
28-05-2016
    شىنجاڭ تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 5 بال شەرقىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىققان ئىدى. ئۈرۈمچى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ...
28-05-2016
         يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم  ھەيران ...
27-05-2016
       5-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتى قارا قۇيۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قارا قۇيۇن قەدەم باسقان جايلار ئېغىر ۋەيرانچىلققا ئۇچراپ، ئۆيلەرنىڭ بىرسىمۇ ساق قالمىغان. قارا قۇيۇن يېت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ ئامامى ئوشىما ئارى...
27-05-2016
        5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
26-05-2016
   مۇخبىرنىڭ 24-ماي سىچۈەن ئورمانچىلىق بايلىقى ۋە ئۈنۈمنى كۆزىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سىچۈەندە سۈنئىي كۆپەيتىلگەن مۈشۈكئېيىق سانى 364كە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۈشۈكئېيىق ...
26-05-2016
  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستا-ئاستا ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۇز سىزىق بويىچە ئۆرلەيدىكەن. 25-ماي يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃27 بولغان. بۈگۈن (26-ماي) يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ℃30 بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن. ...
26-05-2016
 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈچ يىللىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، كۆلىمى 304 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ باغچىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 8-شەھەر دەرىجىلىك باغچا...
26-05-2016
سۈرەتتە: ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ياماگۇچى ئۆلكىسى شىمونوسېكى شەھىرى (Yamaguchi Prefecture Shimonoseki City) سۇ جانلىقلىرى سارىيى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىككى قەلئە پىنگىۋىنىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچ...
Powered by Leglek