جياڭشىدىكى قاتىللىق دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى ئۈرۈمچىدە قولغا چۈشتى

     سۈرەتتە: ئۈرۈمچى قىبلىتاغ ساقچىخانىسى ۋە جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھەرلىك شىخۇ رايونى ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى تاپشۇرۇۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرىپ، ليۇ فامىلىلىكنى يالاپ ئېلىپ ماڭماقتا.

    يۇرتدىشىغا بولۇشۇپ، باشقىلارنى چاناپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ليۇ فامىلىلىك ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن 19 يىلدىن بۇيان، ئىسىم-فامىلىسىنى يوشۇرۇپ، كۈنلەرنى جاپادا ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. تۇتۇلغاندا 48 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ چىرايىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان.

   12-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر بۇ دېلونى بېجىرگەن ئۈرۈمچى شەھىرى قىبلىتاغ ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جىنايەت گۇماندارى ليۇ فامىلىلىك 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مەكتەپكە بېرىپ بالا ئېلىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

   12-ئاينىڭ 5-كۈنى، قىبلىتاغ ساقچىخانىسى ئاممىنىڭ چاڭجياڭ يولى سودا سارىيى ئەتراپىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ليۇ فامىلىلىكنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ جىنايەتكە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى بولۇشى مۇمكىنلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

   ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1996-يىلى 5-ئايدا، ليۇ فامىلىلىكنىڭ جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى شىخۇ رايونىدىكى بىر ئىجارە ئۆيدە، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن بىر ئادەمنى چاناپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ساقچىلار نەنچاڭ شەھىرى شىخۇ رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ليۇ فامىلىلىكنىڭ باشقىلارنى قەستەن يارىلاندۇرۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

   12-ئاينىڭ 10-كۈنى، ليۇ فامىلىلىك مەكتەپكە بېرىپ، بىللە تۇرۇۋاتقان قىز دوستىنىڭ بالىسىنى ئېلىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن. ليۇ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ قاتىللىق قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلغان.

   ليۇ فامىلىلىكنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئادەمنى چاناپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ پىچاقنى ئالغان پېتى قېچىپ، قېچىش جەريانىدا پىچاقنى تۆمۈر يول بويىغا تاشلىۋەتكەن. ئارقىدىن ئۇ نەنچاڭ ۋوگزالىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، شاڭتاڭ بازىرى ۋوگزالىغا بارغان، ئاندىن يەنە پويىزغا ئولتۇرۇپ چاڭشا، جېڭجۇغا بېرىپ، جېڭجۇدا بىر كېچە قونغان. ئىككىنچى كۈنى ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرغان. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، يۇرتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئىسىم-فامىلىسىنى يوشۇرۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلغان.

   دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ليۇ فامىلىلىك تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ بىللە تۇرۇۋاتقان قىز دوستى ۋە بالىسىنى كۆرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek