بەيدۇ تورى ماتېرىيالى لەگلەك تورى تەرجىمسى
ئىسمى: لىئونال ئاندرېس مېسسى
چەتئەلچە ئىسمى: Lionel Andres Messi
دۆلەت تەۋەلىكى: ئارگېنتىنا. ئىسپانىيە.
تۇغۇلغان جايى: ئارېنتىنا سافىر ئۆلكىسى روسارىئو شەھىرى.
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى
بوي ئېىزلىكى: 169 cm
بەدەن ئېغىرلىقى: 67 Kg
تەنھەرىكەت تۈرى: پۇتبول
توپ تېپىۋاتقان كۇلۇبى: بارسېلونا كۇلۇبى.
كەسپى ئالاھىدىلىكى: پۇت تېخنىكىسى ياخشى. توپ ئۇرۇش قارىشى يۇقىرى. توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى.
قىز دوستى: ئانتونىرا.
ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى: 2009-يىللىق، 2010-يىللىق، 2011-يىللىق، 2012-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى. 2009-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى. 2006-يىللىق، 2009-يىللىق، 2011-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنى. 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئۇدا بەش يىل ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى. بەش قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى. 2005-يىللىق دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسقنىڭ چېمپىيۇنى. 2005-يىللىق دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى. 2010-يىللىق، 2012-يىللىق ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى ۋە ياۋروپا ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى. 2013-يىللىق ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى ۋە ياۋروپا ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى.
مېسسىنىڭ ياراتقان رېكورتلىرى: ياۋروپا ئالىي مۇسابىقىلەر تاق پەسىللىك ئەڭ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى. كىرگۈزگەن توپى73 توپ.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى مېسسى 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدىكى 70-توپنى كىرگۈزدى. بۇ بىر توپى بىلەن ئۇ سابىق بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى مۇللېرنىڭ 1972-1973 مۇسابىقە پەسلىدە بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى ئۈچۈن كىرگۈزگەن 68 توپى بىلەن ياراتقان ياۋروپا ئالىي مۇسابىقىلەر تاق پەسىللىك توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
تاق پەسىللىك دۇنيا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى. كىرگۈزگەن توپى 72 توپ.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى مېسسى 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدىكى 72-توپىنى كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارچى سىتارك 1924-1925 مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزگەن 70 توپى بىلەن ياراتقان دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، دۇنيا پۇتبول تارىخىدا تاق پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بۇلۇپ قالدى.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تاق پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى. كىرگۈزگەن توپى 50 توپ.
مېسسى 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي 50 توپ كىرگۈزۈپ كىرىستىيانو رونالدو 2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدە خان مادرىد كۇلۇبى ئۈچۈن كىرگۈزگەن 40 توپ رىكورتىنى بۇزۇپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تاق پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بۇلۇپ قالدى.
باج ئوغۇرلاش جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار.
2012-يىلى 6-ئايدا ئىسپانىيە باج ئىشلىرى مىنىستىرلىكى مېسسى ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ 2007-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ يىل ئوغۇرلۇقچە باجدىن قېچىش سوممىسى 4 مىلىيۇن ياۋروغا يەتكەنلىكى توغرىسىدا شىكايەت قىلدى.
ئىسپانىيە دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن ئەگەر باجدىن قېچىش جىنايىتى بار دەپ ئەيىبلىنىپ قالسا مېسسى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 6 يىل تۈرمىدە يېتىش ۋە يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانىگە ئۇچرايدۇ. گەرچە بۇ ئىشلار ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مېسسى ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقى ۋە ئىزچىل باج تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق مېسسى 2012-يىلى 9-ئايدا ئۆسۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باجدىن قېچىش سوممىسى ئۈچۈن 15 مىلىيۇن ياۋرو باجنى تۇلۇقلاپ تاپشۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved