خېشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ،ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ھەمدە قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار قوش تىلنى ياخشى ئۆگىنىش تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە چىقىشنىڭ زۆرۈر يولى دەپ قارىدى .
ھازىر ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر مۇشۇ خىل ئۆزئارا گىرەلەشمە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ،خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى . ئۇلارمۇ ئىزچىل قانداق قىلغاندا قوش تىل خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ .
ھازىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگەنگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قوش تىلدا دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ .
مۇخبىر بىر نەچچە ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىنى زىيارەت قىلدى . قەلبىنۇر ئىسىملىك بىر ساۋاقداش مۇنداق دېدى : ‹ مەن تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ، مەكتەپتە قېلىشنى ئويلىدىم ، چۈنكى شىنجاڭدا قوش تىل ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى بەك كەم ›.
يەنە بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى : ‹ مەن ھازىر ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىنى شۇنداقلا خەنزۇتىلى ۋە ئېنگىلىزتىلىنى بىلىمەن . بۇ ئۈچ خىل تىلنى بىلگەچكە بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىش بوشلۇقۇم ئىنتايىن كەڭ بولىدۇ .خىزمەت تاللاش ئىمكانىيتىممۇ كۆپ بولىدۇ . بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پۇرسەت كۆپ ، تاللاش پۇرسىتىمۇ كۆپ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved