«سىبىرىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، روسىيە سىبىرىيەنىڭ كېماروۋا شتاتىدىكى 43 ياشلىق بىر سېستىرا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 35 كىلوگرام ئورۇقلىغانلىقى ئۈچۈن شۇ جايلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا بىر ماشىنا كۆمۈر (بەش توننا ئېغىرلىقتىكى) مۇكاپات بەرگەن.
43 ياشلىق سېستىرا ئېلىننا شانىكوۋا بۇ يىل 7-ئايدا ئورۇقلاشقا قەتئىي بەل باغلىغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 112.9 كىلوگرام بولۇپ، شۇ چاغدىن باشلاپ جاپالىق مەشىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە يېمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتقان.
شانىكوۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بەدىنىنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ئورۇقلاش قارارىغا كەلگەن، يېمەك-ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇش ئۈچۈن ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قاتارلىق مايلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچكەن، ئۇ يەنە ھەركۈنى 30 مىنۇتتىن 40 مىنۇتقىچە تېز سۈرئەتتە پىيادە مېڭىپ بەرگەن، مۇز ۋە قار تېيىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئورۇقلاش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كېماروۋا شتاتى بىر تۈرلۈك مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئېلان قىلغان: يەنى 10 كىلوگرام ئورۇقلىغانلارغا 1.5 توننا كۆمۈر مۇكاپات بېرىدىغان بولغان، شانىكوۋا بىراقلا 35 كىلوگرام ئورۇقلىغاچقا شۇ جايلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا بەش توننا كۆمۈر مۇكاپات بەرگەن.
شاراپوۋا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويماي داۋاملىق ئورۇقلاپ تېخىمۇ كۆپ مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved