ھىندىستان زۇڭلىسى نارېندرا مودىنىڭ تەرجىمىھالى

      ھىندىستان خەلق پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان ھىندىستان فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى زۇڭلىسى نارېندرا مودى 2014-يىلى 26-ماي يېڭى دېھلىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. مودى 1950-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدە بىر تۆۋەن قاتلام ئائىلىدە تۇغۇلغان، بالىلىق مەزگىللىرىدە دادىسىغا ياردەملىشىپ چاي ساتقان، كېيىن گۇجارات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، سىياسەت پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، مودى ھىندى دىنى پىدائىيلار تەشكىلاتى خەلق پىدائيلار ئەتىرىتىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1985-يىلى، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە كىرگەن. 1988-يىلى، مودى مەزكۇر پارتىيەنىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدىكى تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىياسىي مۇنبەرگە رەسمىي قەدەم قويغان.


 

      مودىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى 1995-يىلى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ پارلامنېت سايلىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1995-يىلى، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1995-يىلى، مودى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ مىنىستىرلار باشلىقى بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇدا مۇشۇ ۋەزىپىدە بولۇپ، گۇجارات ئۆلكىسىدە ئەڭ ئۇزاق مەزگىل مىنىستىرلار باشلىقى بولغان ئەمەلدار بولۇپ قالغان. مىنىستىرلار باشلىقى بولغان مەزگىلدە، مودى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزگەن. چەت ئەلنىڭ مەبلىغى ۋە تەجرىبىسىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مودى يەنە كۆپ قېتىم جۇڭگو، ياپونىيە ۋە سىنگاپورلاردا زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن، گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھىندىستان بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، «ھىندىستاندىكى گۇاڭدۇڭ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ ئۆلكە ھىندىستاندىكى ئەڭ باي، تەرەققىي قىلغان ئۆلكىگە ئايلانغان. مودى مۇشۇ ئىشلىرى بىلەن ھىندىستان ئىقتىسادىدىكى ئىقتىدارلىقلار ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، ھىندىستان سىياسىي مۇنبرىدىكى كاتتا سىياسىي چولپانغا ئايلانغان. 2013-يىلى 9-ئايدا، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ 2014-يىللىق زۇڭلى رىقابىتى نامزاتى بولغان. سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، مودى بىر «يېڭى ھىندىستان» بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى، چىرىكلىكنى تۈگىتىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ھەمدە پۈتۈن ھىندىستاننى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ياشلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھىندىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ سايلىمىدا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغان. ئالاقىدار قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئاساسەن، مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھىندىستان فېدىراتىپ ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، يەنە ئۇ بۇ پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek