بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شىرنى يىراقتىن كۆرسىلا ھەر قانداق ئادەمنى تىترەك باسىدۇ ،بىراق جەنۇبىي ئافرىقىدا كېۋىن رىچاسىن ئىسىملىك ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرگۈچى خاتىرجەم ھالدا بىر نەچچە شىر بىلەن بىرلىكتە پۇتبول ئوينىيالايدۇ ، برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ،ئۇنىڭ بۇ كۆرۈنۈشى توردا ناھايىتى تېز تارقالدى .
ياۋايى ھايۋان كۆندۈرگۈچى مۇنداق دېدى : ‹ مېنىڭ ئىسمىم كېۋىن رىچاسىن ،چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن ئاساسەن شىر بىلەن ياشاپ كەلدىم ،مەن ئۇلارنى چاقىرىمەن بىللە ئۇخلايمەن ،بىراق ئەڭ مۇھىمى مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن ›.
ھەقىقەتەن كېۋىن ئېيتقاندەك شىرلار ئۇنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلىسىلا دەرھال كېلىدۇ ،شىرلار تېخى ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويىدۇ ،شۇنداق قىلىپ ئادەم بىلەن شىرلارنىڭ قىزىقارلىق پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى ، ئۇلارنىڭ پۇتبول ئوينىغاندىكى كۆرۈنۈشىنى بىرازىلىيەدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ياردەم بېرىش شىركىتى كېۋىننى تەكلىپ قىلىپ سۈرەتكە ئالغان .كېۋىن برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى شىرنى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن بۇ ئېلاننى ئىشلەشكە قوشۇلغان .
كېۋىن مۇنداق دېدى ؛‹ھازىر ئىنسانلارنىڭ شىرنىڭ ماكانىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى ،ئوغۇرلۇقچە ئوۋلىشى ،ۋە قانۇنسىز سودا قىلىش سەۋەبىدىن ئافرىقىدىكى شىرلارنىڭ سانى /20%كىمۇ يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ، مەن پۇتبول نامى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى تۇنىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،بۇ بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق يېتىدىغان نىشان ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved