سەنشىدە بىر بوۋاي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جەسىتى گەندىخانىغا تاشلىۋېتىلدى

         1-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى: سەنشى شاڭلودىكى 62 ياشلىق فاڭ ئۇستام باشقىلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قاتىل فاڭ ئۇستامنىڭ جەسىتىنى ئۆيىنىڭ كەينىدىكى گەندە كۆلچىكىگە تاشلىۋەتكەن، مەزكۇر دېلودىكى قاتىل بولسا كەنت دوختۇرى-شۈ فامىلىلىكنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ، نۆۋەتتە قاتىل شاڭلو ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، لېكىن ئىگەللىنىلىشىچە، مەزكۇر دېلودىكى قاتىلنىڭ ھەقىقەتەن روھىي كېسىلى بار ئىكەن.

    سەنشى ئۆلكىسى شاڭلو شەھىرى شاڭجۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق فاڭ ئۇستام يېقىنقى ئىككى كۈندىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۆيىدىكى ئاشلىقلارنى يېيىپ قۇرۇتۇش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەلگەن، لېكىن نەچچە كۈن ئىلگىرى، فاڭ ئۇستام ئۆزلىرىنىڭ ھويلىسى ئالدىدا يوقاپ كەتكەن. ئۆلگۈچىنىڭ كۈيئوغلى مۇنداق دېدى:‹شۇ كۈنى دادام ئۆشنىسىگە ئاشلىق سېۋىتى يۈدىگەن ھالدا ئۆيدىن ئاشلىق يېيىپ قۇرۇتقىلى چىقىپ كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىدى›. ‹مەركىزىي شەھەر گېزىتى› مۇخبىرىنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىچە، فاڭ ئۇستاملارنىڭ ئۆيى بىلەن ئاشلىق يېيىپ قۇرۇتىدىغان مەيداننىڭ ئارلىقى پىيادە ماڭغاندا ئارانلا بەش مىنۇتلۇق يول بولۇپ، بوۋاينىڭ بىر كۈن يوقاپ كېتىشى ھەقىقەتەن نورمالسىز ئەھۋال ئىدى. فاڭ ئۇستام ئادەتتە ئۆيىدە يالغۇز تۇرىدىغان بولۇپ، فاڭ ئۇستامنىڭ دېلو يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتە ئۆيگە تاماققا قايتىپ كەلمەسلىكى ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان.

     ئۆلگۈچىنىڭ ئاكىسى مۇنداق دېدى:‹مەن ئىنىمنى بىر كۈن ئىزدەپمۇ ھېچيەردىن تاپالمىدىم، پەقەت ئۇنىڭ ئەتىگەندە ئۆشنىسىگە ئارتىپ چىقىپ كەتكەن سېۋىتىنىلا تاپالىدىم›. ئۆلگۈچىنىڭ ئاكىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى فاڭ ئۇستامنى يېقىن ئەتراپتىن ھەر قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغان. بۇنىڭدىن بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن تۇغقانلار خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلىغان ھەم دەرھال پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ فاڭ ئۇستامنى ئىزدەشكە باشلىغان، كۆپچىلىك فاڭ ئۇستامنىڭ سېۋىتى بايقالغان جايدىن ئون مېتىر نېرىسىدا يىپ ئۇچىنى بايقاپ قالغان.

     ئۆلگۈچىنىڭ ئاكىسى مۇنداق دېدى:‹ئەينى چاغدا بۇ يەرگە كېلىپ قولۇمدىكى ئېلىكتىر بىلەن يورۇتۇپ قارىغاندىن كېيىن يەردە بىر پارچە قان دېغىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدىم، تام تۈۋىدە يەنە ئىنىم چېكىدىغان تاماكىنى بايقىدۇق›. قان دېغى بايقالغان جاي دەل شۈ فامىلىلىك كەنت دوختۇرىنىڭ ئۆيى بولۇپ، كۆپچىلىك قان دېغىنى بويلاپ ئىزدەش ئارقىلىق ھويلىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان فاڭ ئۇستامنى بايقىغان. ئۆلگۈچىنىڭ قىزى مۇنداق دېدى:‹قاتىل قولىغا ناھايىتى توم تاياقنى ئېلىپ دادامنىڭ بېشىغا كۈچەپ بىرنى ساپتۇ، دادامنىڭ بېشىمۇ يېرىلىپ، مېڭىسى چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ›.

    ‹مەركىزىي شەھەر گېزىتى› مۇخبىرىنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىچە، 62 ياشلىق فاڭ ئۇستام قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، قاتىل فاڭ ئۇستامنىڭ جەسىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى گەندە كۆلچىكىگە تاشلىۋەتكەن بولۇپ، مەزكۇر دېلودىكى قاتىل بولسا كەنت دوختۇرى-شۈ فامىلىلىكنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى، نۆۋەتتە قاتىل شاڭلو ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، لېكىن  ئىگەللىنىلىشىچە، مەزكۇر دېلودىكى قاتىلنىڭ ھەقىقەتەن روھىي كېسىلى بار  ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
03-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek