ئامېرىكا بايلىق ژورنىلى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانىلارنىڭ رەت تەرتىۋىدە ئالما 1-ئۇرۇنغا،سەنشىڭ 21-ئۇرۇنغا تىزىلدى
جۇڭگۇ تورنىڭ 3-ئايىنىڭ 3-كۈندىكى خەۋىرى: كۇرىيە «چاۋشىيەن گېزىتى»تور بېكتىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،كۇرىيەنىڭ سەنشىڭ ئېلىكترۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانىلارنىڭ رەت تەرتىۋىدە 21-ئۇرۇنغا تىزىلغان.
ئامېرىكىنىڭ ئىقىتساد مەخسۇس ژورنىلى بولغان «بايلىق»ژورنىلى مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانىلار رەت تەرتىۋى»نى ئېلان قىلغان.ئۇنىڭدا كۇرىيە سەنشىڭ ئېلىكتۇرۇنى 21-ئۇرۇنغا تىزىلغان.سەنشىڭ ئېلىكتۇرۇنى 6.55 نۇمۇرغا ئېرىشكەن بۇلۇپ،كۇرىيەدىكى بىردىنبىر ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كارخانا ئىكەن.سەنشىڭ ئېلىكتۇرۇنىنىڭ بۇلتۇرقى رەت تەرتىۋى 35-ئۇرۇندا بۇلۇپ،بۇ يىل 14 ئۇرۇن ئىلگىرلىگەن.
1-ئۇرۇنغا تىزىلغىنى ئامېرىكدىكى ئالما شىركىتى بۇلۇپ،ئامازۇن،گۇگېل ئۇنىڭ ئارقىسىغا تىزلىپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2-،ۋە 3-ئۇرۇندا تۇرغان.,Berkshire Hathaway Starbucks ،كۇكۇكۇلا،ۋوت دىسنى،فىدىراتسىيە تىز يوللانمىسى،ئامېرىكا غەربى جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق شىركەتلەر ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەن بۇلۇپ،ھەممىسى ئامرىكا كارخانىلىرى.
ئېلىكتۇرۇن ساھەسىدە،ھەممىباپ ئېلىكتۇرۇن شىركىتى 1-ئۇرۇندا ،سەنشىڭ ئېلىكتۇرۇنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تاپ بېسىپ،2-ئۇرۇندا تۇرغان. «بايلىق» ژورنىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:«يېقىنقى 2يىلدا،سەنشىڭ ئېلىكتۇرۇنى دۇنيادىكى تاپاۋىتى ئەڭ كۆپ بولغان يانفۇن ياساش شىركىتى –ئالمىدىن ئېشىپ چۈشۈپ،يېڭى نەتىجە رېكورتى ياراتتى.چوڭ ئېكىراننى ئالاھىدىلىك قىلىپ،رىقابەتەتچىلىرى بىلەن بولغان پەرىقنى زورايىتقان galaxy ۋە galaxy note سەنشىڭ ئېلىكتۇرۇنىنى مۇۋەپىقيەتكە ئېرىشتۈردى».
ئۇنىڭدىن باشقا، LGنىڭ ئېكىران كەسپى 5.59 نۇمۇرغا،LG ئېلىكتۇرۇنى 5.54 نۇمۇرغا ئېرىشكەن بۇلۇپ،ئېلىكتۇرۇن ساھەسىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5- ۋە 8- ئۇرۇندا تۇرغان بولسىمۇ،بىراق تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرەلمگەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved