ئابى شىنزو كورىيە زۇڭتۇڭىغا ھاقارەت قىلغان مۇخبىردىن ھال سورىدى

     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھيېنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزگەن دەپ شىكايەت قىلىنغان ياپونىيە مۇخبىرى كادوكاۋا شوتىن بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇنىڭدىن ھال سورىغان. كادوكاۋا شوتىن ياپونىيە «ئىقتىساد خەۋىرى» تاراتقۇسىنىڭ سىئولدا تۇرۇشلۇق تارمىقىنىڭ سابىق باشلىقى بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىش قارارىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرغان. كادوكاۋا شوتىن سۆھبەتتىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىشىچە، ئابى شىنزو كادوكاۋا شوتىندىن ئەھۋال سوراپ «سىزنىڭ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىشىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى، جاپا چەكتىڭىز.» دېگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل 4-ئايدىمۇ ئابى شىنزو كادوكاۋا شوتىن بىلەن كۆرۈشكەن.

     كورىيە سېئۇل مەركىزى سوت مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى كادوكاۋا شوتىننىڭ قارا چاپلاش نىيىتى يوق دېگەننى سەۋەب قىلىپ ئۇنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلغان. تەپتىش تارماقلىرى كادوكاۋا شوتىنغا بىر يىل ئالتە ئاي قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىگىلىنىشچە، 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى كادوكاۋا شوتىن «كورىيەنىڭ يىللار ناملىق پاراخوتى ۋەقەگە ئۇچرىغاندا پارك گۆنھيې زۇڭتۇڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ، زادى كىم بىلەن كۆرۈشتى؟» دېگەن بىر ماقالىنى يازغان، ھەمدە ئۇنى «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ تور بېتىگە چىقارغان. بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:  يىللار ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن، پارك گۆنھيې زۇڭتۇڭ 72 سائەت يوقاپ كەتتى، ئۇ بەلكىم كونا «ئاشىقى» سوڭ يۈنخى بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

       بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، ئەل ئىچىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، ھەمدە ھەرخىل شەكىلدىكى كۆز قاراش، پەرەزلەر جاھاننى بىر ئالغان. تۆت كۈندىن كېيىن، كورىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارتا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ «كادوكاۋا شوتىننىڭ مەسئۇلىيتىنى چوقۇم قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك» دېگەن. شۇ كۈنى يەنە ئەل ئىچىدىكى بىر قانچە گۇروھلار تەپتىش مەھكىمىسىگە كادوكاۋا شوتىننى ئەرز قىلغان.

    شۇ يىلى 10-ئايدا كورىيە تەپتىش تارماقلىرى «بەتنام چاپلاش» جىنايىتى بىلەن كادوكاۋا شوتىننىڭ ئۈستىدىن رەسمى ھالدا شىكايەت قىلغان. تەپتىش تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، كادوكاۋا شوتىننىڭ ماقالىسى دۆلەت زۇڭتۇڭىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزگەن.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek