9-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر ۋاقتى، نەنجىڭدىكى تۇنجى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سېتىش دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشلىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئالما مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۇيقۇ بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى سودا سارىيىنىڭ ئىچىدىكى كارىدوردا يېتىپلا ئۇيقۇغا كېتىشكەنىدى، بۇ ئالما مەستانىلىرىنىڭ بەزىلىرى يەردىلا يېتىپ ئۇخلاپ كەتكەن بولۇپ، يەنە بەزىلىرى ئۇخلاش خالتىسى ئېلىۋالغانىدى، ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ھالدا يەردە يېتىپ ئۇخلاپ كەتكەن ھالىتى ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
ئىگەللىنىلىشىچە، نەنجىڭدىكى تۇنجى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سېتىش دۇكىنىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا تىجارەت باشلايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىشقان بۇ ئالما مەستانىلىرى بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن بەس-بەستە نەنجىڭغا يېتىپ كېلىشكەن بولۇپ، ئۇلار ئالما مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سېتىش دۇكىنى تىجارەت باشلاشتىن بىر كۈن بۇرۇنلا نەنجىڭ خۇڭيۆچېڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا كېچىچە ئۆچىرەت ساقلاشقانىدى.
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved