نۇرغۇن كىشلەر كىيىمدىكى يوشۇرۇن خەتەرگە سەل قارايدۇ. بەك تار، بەك ئازادە، بەك ئېغىر، بەك يۇمشاق كىيىملەر ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
كىيىمنىڭ سۈپىتى ھەمدە تازىلاش سۈيۇقلۇقى
قوي يۇڭى، پاختا، بىرىكمە تالالىق كىيىملەر تېرىگە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كىيىملەرنى ئۇزاق كىيىشتىن ساقلىنىش، تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى تاللاشقا دىققەت قىلىش، يېڭى سېتىۋالغان كىيىمنى بىر نەچچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن كىيىش لازىم.
بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان پادىچىلار كىيىملىرى
قورساق كۆپۈش، ئاشقازان قىزىش، تاماق يەپ بولۇپلا ئۇزاققىچە كېكىرىش ئالامەتلەر بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
سۇلياۋ تالالىق بىرىكمىلەر ئارلاشتۇرۇلغان كىيىملەر
بۇ خىل كىيىمنى دائىم كەيگەندە ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گالاستۇك
دائىم گالاستۇك تاقىغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ھەرىكەت دەرىجىسى ھەم چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بالىلار كىيىملىرى بالىلارغا كىيىم تاللىغاندا، ئىمكان بار سىيرىتمىلىق كىيىملەرنى تاللىماسلىق كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved