سوۋگۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.مىسىر باش تەپتىشى ھېسام باراكات تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك قاتارلىقلارنىڭ كۈچ كۆرسەتكۈچلەرنى قەستلەش ۋە شېرىكلىشىش قاتارلىق دېلولىرىغا چىقارغان كېسىمىدە ا يوچۇق بارلىقى شۇ ۋەجىدىن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ قاراردا ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق تەسىرنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى .
29-نويابىر مىسىرىدىكى قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇبارەككە چېتىشلىق بولغان بىر قانچە دىلولاردا مۇبارەكنى گۇناھسىز دەپ كېسىم چىقاردى ،بۇنىڭ ئىچىدە مۇبارەك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سادىق مىنىستىرى ھەبىبۇل ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئالتە ياردەمچىسى كۈشكۈرتۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش قەستلەش دېلوسى بىلەن ،مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىلىيە قانۇنسىز نېفىت ئېكسپورت قىلىپ پايدا ئېلىش دېلوسى بار ،بۇ ھۆكۈم مىسىردا كۈچلۈك بەس مۇنازىرە قوزغىدى .يۇقىرىقى دىلولاردىن باشقا بۇ يىل مايدا مۇبارەك ھۆكۈمەت پۇلىغا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ياساش دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ ئۈچ يىل قامالدى .
مىسىر قانۇن ساھەسىدىكى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى :‹مۇبارەك سوتلىنىۋاتقان مەزگىلدە باشقا دېلولارغا چېتىلىپ قېلىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقتىن ،تۇتۇپ تۇرۇلغان مۇشۇ ۋاقىت .ئۇنىڭ ئومۇمىي جازا مۇددىتىگە كىرگۈزۋېتىلىشى مۇمكىن ،شۇڭا مۇبارەك پات ئارىدا قۇيۇپ بېرىلىدۇ .2011-يىلى يانۋاردا مىسىردا كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قوزغالدى ،ئارقىدىنلا مۇبارەك خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ئارقىدىنلا ،مۇبارەك تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلدى ،3- ئاۋغۇست مۇبارەك قاتارلىقلار كۈچ كۆرسەتكۈچلەرنى قوراللىق باستۇرۇش ۋە چىرىكلىشىش قاتارلىق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى .2012-يىلى ئىيۇندا قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتى مۇبارەككە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەردى .2013-يىلى يانۋاردا مىسىر ئالىي سوتنىڭ نارازىلىق ئەرز سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنىڭ ئەرز تەلىپىنى قايتا سوراشنى بېكىتتى .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىسىر سوت مەھكىمىسى شۇ جاي ۋاقتى بۇ يىل يازدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغان. بۇندىن بۇرۇن، مۇبارەك ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. بۇرۇنقى «ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك شەخس» بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىققان .
مۇبارەك ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، بۇرۇن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ھاۋا ھۇجۇمىغا قوماندانلىق قىلغان، ھەمدە 1972 – يىلدىن 1975 – يىلغىچە بولغان مەزگىلدە مىسىر ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
1975– يىل 4 – ئايدا، مۇبارەك مىسىرنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان، 1981 – يىل 10 – ئايدا زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. شۇندىن كېيىن ئۇ ئۇدا تۆت قارار زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2011 – يىل 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، 18 كۈنلۈك چوڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، 30 يىللىق ھاكىمىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغان.ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، چىرىكلىشىش ۋە نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇبارەك 2011 – يىل 8 – ئايدىن باشلاپ سوتقا تارتىلغان، ھەمدە مىسىر تارىخىدا تۇنجى قېتىم سوتلانغان دۆلەت رەھبىرى بولۇپ قالغان.
2012- يىل 6 – ئايدا، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنى ئۆمۈرلۈك قاماققا بۇيرۇدى، ھەمدە مىسىر تولا تۈرمىسىگە ئاپىرىۋەتتى. تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، مۇبارەكنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالاندى، سالامەتلىكى ياخشىلانغاندىن كېيىن يەنە تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى.
2013–يىل 1 – ئايدا، مىسىر ئالىي سوتى مۇبارەك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، مۇبارەك دېلوسىنى قايتا سوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇلتۇر 8 – ئايدا، مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئومۇمنىڭ پۇلىغا رېمونت قىلىش ۋە پارە ئېلىش دېلوسى توغرىسىدا قايتا كېسىم چىقىرىپ، مۇبارەكنى ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. كېيىن، مۇبارەك كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسىغا نەزەربەنت قىلىۋېتىلدى.
بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، مىسىر سوتى مۇبارەكنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، پارىخورلۇق جىنايىتى بار دەپ قاراپ، ئۇنى ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماققا بۇيرۇدى، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق جىنايەت بىلەن تۆت يىللىق قاماققا بۇيرۇلدى. مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى مىسىرنىڭ خامچوت مەبلىغىدىن 125 مىليون مىسىر فوندىنى يۆتكەپ ئىشلەتتى، بۇ پۇللارنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى رېمونت قىلىشقا ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.
8-ئاينىڭ 13 – كۈنى، مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسى يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىپ مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق دېلوسى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. شۇ كۈندىكى سوتتا 86 ياشلىق مۇبارەك چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ سوتقا چىقتى، ھەمدە ئۆزىنى ئاقلىدى. مۇبارەك مۇنداق دېدى، مەن ئەزەلدىن نامايىشچى ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرمىگەن. شۇ كۈنى باش سوتچى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، سوتنىڭ 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved