بالىلار نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ؟

   چوڭلاردىكى يالغانچىلىق بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

بالىلار دۇنياسى سەمىمىي ۋە راستچىللىققا تولغان بولغاچقا، چوڭلارنىڭ سەل قاراپ ئېيتقان چاقچىقى ياكى يالغانچىلىقى بالىلارغا تېزلا تەسىر قىلىدۇ.


قوشنىمىزنىڭ ئوغلى كىچىكىدىن مومىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان ، نەچچە ئاي ئىلگىرى ئاتا – ئانىسى ئەكىلىۋالدى. بالا ئاپىسىنىڭ سېرىق رەڭگە بوياتقان چېچىنى كۆرۈپ: <<ئاپا، چېچىڭىز نېمىشقا سارغىيىپ قالدى؟ قارا چېچىڭىز شۇنداق چىرايلىق ئىدىغۇ؟>> دەپ سوراپتۇ. ئاپىسى:<<سەن يوق كۈنلەردە مەن سېنى بەك سېغىنغاچقا، چېچىم مۇشۇنداق سېرىق رەڭگە كىرىپ قالدى.>> دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سەبىي بالا ئاپىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ: << ئاپامنىڭ چېچى قايتا قارىدايدىغان بولدى>> دەپ ئويلاپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بالا يەنىلا سېرىق پېتى تۇرغان چاچتىن ئەجەبلىنىپ، ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلسىمۇ ئاپىسىنىڭ چېچىنىڭ نېمىشقا قارىدىمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئاپىسى بالىنىڭ سوئالىدىن زېرىكىپ :<<سەن كەلگىنىڭ بىلەن كاماندىروپكىغا كەتكەن داداڭنى سېغىنىمەن، شۇڭا چېچىم يەنىلا سېرىق؟>> دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.


نەچچە كۈن ئۆتمەي دادىسىمۇ قايتىپ كەپتۇ، بالا ئاپىسىنىڭ چېچىنىڭ يەنىلا سېرىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:<< ئاپا، داداممۇ قايتىپ كەلدى. چېچىڭىز نېمىشقا يەنىلا سېرىق؟>> دەپ سوراپتۇ. دادىسى: ‹‹ئاپاڭنىڭ چېچىنىڭ سېرىق بولۇشى ھەرگىزمۇ بىر كىمنى سېغىنغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى گۈزەللىك قوغلىشىپ بويىغانلىقتىن >> دەپ خوتۇنىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىپتۇ.


بالىلار جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشتىن ئاۋۋال ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك جەمئىيەتتە پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا بىز ھەرقانداق مەسىلىگە ئۇچرىغاندا بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.


بالىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئارىلاشقان بولىدۇ


ئاتا – ئانىلار كۆپىنچە بالىلىرىنى يالغان سۆزلىدى دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئەمما، بالىلارنىڭ دۇنياسى رەڭدارلىققا ئىگە، سەبىي بالىلارنىڭ يالغانچىلىقى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.


بىر ئانا بىر يىل بۇرۇن تۆت ياشلىق ئوغلىغا مۈشۈك ئېلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ رەسىم سىزىشقا ئامراق ئۇ بالىنىڭ سىزغان رەسىملىرى ئاساسەن مۈشۈك توغرىسىدا بولۇپتۇ. بىر قېتىم ئانا يەسلىگە بالىسىنى ئالغىلى بېرىپتۇ، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ يازلىق تەتىلدە دېسنىي باغچىسىغا بارغانلىقىنى، ئۇ يەردە مۈشۈكى بىلەن بىرگە ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى دەپتۇ. ئانا خىجىل بولغىنىچە ئوغلىنىڭ يالغان ئېيتىپ قويغانلىقىنى، بۇرۇن ئوغلىنى دېسنىيغا ئاپىرىپ ئوينىتىش پىلانى بولسىمۇ، خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشماي قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.


ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئانا ئوغلىغا نېمىشقا يالغان گەپ قىلغانلىقىنى سوراپ ئەيىبلىگەندە، بالا يىغلاپ تۇرۇپ :<< مېنىڭ مۈشۈكۈمنى دېسنىيغا ئاپارغۇم بار. دېسنىي شۇنچە چىرايلىق تۇرسا>> دەپتۇ.


ئانا ئوغلىدىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئانىنىڭ ئويىچە بالىنىڭ يالغان سۆزلىشىگە سەۋەبچى بولغان بىرىنچى ئامىل دەل ئۆزىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرالماسلىقى ئىكەن.


بالىلارنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق شەيئىگە بولغان قىزىقىشى چوڭقۇر، ئۇلارنىڭ جانىۋارلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچە پاك، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە بولغا ئىشەنچىسىمۇ شۇنچە مۇستەھكەم. بالىلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئىچكى دۇنياسىدىكى تەلپۈنۈشنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بىز بالىلارنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ سەۋەبىگە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.


بەزىدە بالىلار ماختاشقا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يالغان سۆزلەيدۇ


يەسلىدە ئۇزاق يىل ئىشلىگەن بىر مۇئەللىم ماڭا بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ ماختىلىشقا ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:< ‹‹سىنىپلاردا قىزىل گۈل تاختىسى بار، بۇ تاختىغا بالىلار ياخشى ئىش قىلسا، بىردىن قىزىل گۈل چاپلىنىدۇ. بالىلار بەزىدە ئۆيدە ئاتا – ئانىسىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ كەلسە، يەنە بەزىدە ئۆزىنىڭ قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارنىمۇ قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بىز بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا سەمىمىيلىكنى ئۆگىتىمىز، بۇنداق ۋاقىتتا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ گۈلىنىڭ تېزرەك كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ>>.


بالىلارنىڭ يالغانچىلىقى ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى يېتىلىش، ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەلپۈنۈشنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئاتا – ئانىلار چوقۇم بالىلىرىمىزنىڭ ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشى ۋە ئۇلارغا ساغلام بولغان تەربىيەلىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى زۆرۈر.



خەتكۈچلەر:
30-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
       زەنجىۋىل كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئېسىل تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېمەكلىك قاتارىدا ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا تەتقىقاتىدا زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ي...
12-05-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى 10 خىل ھەرىكىتى بالىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.  1....
10-05-2016
    زامانىۋى پەن-تېخنىكا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، تېلىۋىزور،DVD، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە ئۇمۇملىشىپ، تۇرۇمۇشىمزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەتتا بۇ ئۈسكۈنىلەر بىزنىڭ ئەڭ يېقىن...
10-05-2016
     نېرۋا مۇتەخەسسىسى يې جىڭ يېقىندا بىر يىل بۇرۇن بوكس مەشىقىدە مېڭىسى قاتتىق زەخمىلىنىپ باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئەمما يېرىم يىلدىن كېيىن ئېغىر تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىقنى مىسال...
09-05-2016
    ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.     ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
09-05-2016
    بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا دادىنىڭ ئۆز قولى بىلەن بوۋاقنىڭ ھاياتىغا «لېنتا كېسىشى» ئۈچۈن، كىندىك كېسىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن بىر دادا بار بول...
08-05-2016
    بىر يىل ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى سىناق قىلىش خىزمىتى تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق ...
08-05-2016
     1. كالپۇك ئىششىش ۋە چىڭقىلىش. بۇ رىئاكسىيە قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆز ياشاڭغىراش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنى لەۋسۇرۇخ ۋە يىمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىششىش ئ...
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
Powered by Leglek