ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 18-فېۋرال، زوراۋان ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشنىڭ ئىسلام دىنىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق بىر دىننىڭ تېررورلۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما شۇ كۈنى ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنىدا باش مەقسەتتە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى ئىسلام دىنى بىلەن دۈشمەنلەشمەستىن، بەلكى دىننى بۇرمىلىغان كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە دىنى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىپ تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىدېئولوگىيەنى بۇرمىلىشىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادقا بولغان نارازىلىقتىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلەرنى قوبۇل قىلىشىدىن ، ھەمدە رايون ۋە ئائىلىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ شەخسىلەرنىڭ ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved