10 مىليوندىن ئارتۇق پۇلى بار كىشىلەر ئەڭ كۆپ شەھەر

ئەنگلىيە دۇنيادا مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت.

 

 جۇڭگو ئىقتىساد تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ تور پونكىتىدا 9- ماي ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «بايلىق كۆزەتكۈچى» تاراتقۇسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 184 مىليون يۈەن) دىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 4224 نەپەر بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق شەھەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن.


سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ رەت تەرتىپتە توكيو ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 3525 نەپەر ئىكەن؛ سىنگاپور ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 3154 نەپەر ئىكەن؛ نيۇيورك تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 2929 نەپەر ئىكەن.


گەرچە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولسىمۇ، ئەمما نيۇيوركنىڭ رەت تەرتىپى بىر قەدەر تۆۋەن. چۈنكى لوندوندەك شەھەرلەرگە دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار بىر قەدەر زىچ مەركەزلەشكەن، ئەمما ئامېرىكىدا بولسا بايلار پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان. ئەنگلىيەدىكى مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ %40 تى لوندونغا مەركەزلەشكەن، ئامېرىكىدا بولسا مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاران %7 تى نيۇيوركقا مەركەزلەشكەن.

 

 

خۇسۇسىي بايلىقنىڭ يەر شارى خەرىتىسى: مىلياردېرلار بىلەن 10 مىليوندىن ئارتۇق پۇلى بار كىشىلەر ئەڭ كۆپ جايلار.

 


ئەمما، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو شەھەرلىرىدىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق پۇلى بار كىشىلەرنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپىيىدىكەن، قارىغاندا جۇڭگو ئەنگلىيەگە يېتىشىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ھىندىستانمۇ بۇ جەھەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان بولغاچقا، ئەنگلىيەدىكى مىليونېرلارنىڭ سانى 6- ئورۇندىن 8- ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

توكيودا مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 3525 نەپەر بولۇپ، بۇ رەت تەرتىپتە لوندوندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

سىنگاپوردا مۈلكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 3154 نەپەر بولۇپ، بۇ رەت تەرتىپتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ。

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
26-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جاكۇب لېۋ 13- مارت ئەسكەرتىش بېرىپ: پۇل ئۇرۇشى يەر شارى ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دېگەن ھەمدە يەتتە دۆلەت ئەزالىرىنى بۇندىن ئىلگىرى بەرگەن پېرېۋوت نىسبىتى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، پۇلنىڭ رىقابەت خاراكتېرلىك ...
14-05-2016
   جاڭ زىياڭ، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - ش...
14-05-2016
  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي...
14-05-2016
        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز شۇنداقلا رايونىمىز تەۋەسىدە شىركەت-كارخانىلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، ىقابەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىۋاتىدۇ.موشۇنداق ۋەزىيەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى كارخانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇر...
13-05-2016
        چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىياڭگاڭ يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى تورغا چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جاي ئىكەن. شىمالىي ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغ...
13-05-2016
        جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى 13-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشقان بولۇپ، 131 مىليون يۈەن ب...
13-05-2016
       بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1271.44 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 5.4 دوللار ئۆستى؛ ھەر ئۇنىسيە نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 17.06 دوللار بولۇ...
12-05-2016
      مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى مۇخبىرىنىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بېنزىن، دىزېل مېيى باھاسى تەڭشىلىدىك...
12-05-2016
    جۇڭگو شىزاڭ تورى خەۋىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا توي تۆكۈن نەزىر چىراغ ئىشلىرى ئۆتكۈزۈش، زىياپەت بېرىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئۆز...
11-05-2016
    جۇڭگو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھۆججەت نەشرىياتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئىقتىساد كۆك ...
Powered by Leglek