دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات پىلانى تۈزىلىدۇ

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى بۈگۈن ۋە ئەتە تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئېچىلىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى يەنىمۇ قوغداش، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.


جامائەتچىلىك نۆۋەتتە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولىۋاتقان ئەھۋالدا، دۈشەنبىدە ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ رايون ۋە خەلقئارادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي، ساغلام يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق، دەپ قارىدى.
2013-يىلى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى «ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى» نى تەستىقلاپ، 20 نەچچە ساھەدە 70 كە يېقىن ھەمكارلىق تەدبىرىنى بېكىتىپ، تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى خىزمەتلىرىنى كونكىرېت پىلانلىغان، بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولغان ئىدى.

 


ئۆتكەن بىر يىلدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا بولۇپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدە ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇردى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنداق دەپ قارىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈچ چوڭ ساھەدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، تۈزۈملەشكەن خىزمەت قېلىپىنى شەكىللەندۈردى، تەسىرى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشىتىن بۇرۇن قانائەتلىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.


ئەزا دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ يۇقۇرى قاتلام لايىھەسىنى تۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى رولى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلدىكى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى. بۇ يىل 31–ئىيۇل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى لايىھەسى ماقۇللاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىستراتىگىيە ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە ھەمكارلىشىش يۆنىلىشى بېكىتىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدىكەن.


شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2001-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىنغان ھەمدە 2004-يىلى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كەلگۈسى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىنىڭ يادروسى بولىدۇ.


شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. پىلان بويىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسمى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىدۇ، بۇ ئافغانىستانغا مۇقىمسىزلىق ئامىلى، رايون ۋەزىيىتىگە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

 

بىر يىلدىن بۇيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ئەيىپلىدى. 3 خىل كۈچ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە تور جىنايىتىگە قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە زەربە بەردى. نۆۋەتتە خەلقئارادا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى جانلىنىپ قالدى. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر تېررورچىلىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەپ بەردى. شۇڭا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ھەمارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە كىرزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.


بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدىن باشقا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم يۆنىلىش ھىسابلىنىدۇ. بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇش تەشەببۇسى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پائال قوللىشىغا ئېرىشتى. رۇسىيە باش بولغان ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتىپاقىمۇ 2015-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىدۇ.


ئادىمىيەت ساھەسىدە بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى، مائارىپ مىنسىتىرلىرى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىرى ۋە ساھىيە مىنسىتىرلىرى يىغىنى مىخانىزمىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن سەنئەت، مۇزىكا، ياشلار بايراملىرى ۋە مائارىپ ھەپتىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ ئەزا دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىجتىمائىي ئاساسقا ئايلاندى.


نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. يېڭى ئەزالارنى قۇبۇل قىلىش قارالمىسى پائال مۇھاكىمە قىلىنماقتا. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى كۆپەيتىشكە دائىر قانۇن ھۆججىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىككى ئەزا كۆپەيتىش ھۆججىتى لايىھەسىنى ماقۇللاپ، دۈشەنمە باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى.


ئەگەر بۇ ئىككى ھۆججەت ئاخىرقى ھىسابتا تەستىقلانسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا كۆپەيتىش قانۇن ھۆججىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشكەنلىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش تەرتىپىنىڭ ئېنىق بېكىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەم شەرتى مۇۋاپىق كېلىدىغان دۆلەتلەر بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.



12-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى بىر قانچە ئەمەلدار نەچچە كۈن ئىلگىرى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنى ئەيىبلەپ: مېركىل ياۋروپانى تۈركىيەنىڭ كونتروللىقى ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپا...
16-05-2016
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپ ئەزەلدىن تاراتقۇلارنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئەمەس. ترۇمپ يېقىندا كۈندىن-كۈنگە قىزىپ كېتىۋاتقان ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش-چىقماسلىق...
16-05-2016
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇدىنىڭ ئانىسى ئالدىنقى ھەپتە يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مۇدى يەكشەنبە كۈنى تىۋىرىدا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان. سۈرەتتە مۇدى 90 ياشقا كىرگەن ئانىسىنى چاقل...
16-05-2016
ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى قىرغىزىستان بولغان بۇلغانغان بەرەڭگە ۋەقەسى ئىلگىرى-ئاخىرى 9 قېتىم بولۇپ، يۈز بەرگەن. قىرغىزىستاندا ئىشلەنگەن بەرەڭگە يىپچە قۇرت كېسەللىكى سەۋەبلىك ئادەم تېنىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا يەنە بەرەڭگە ...
16-05-2016
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يوكوي خىرو بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 61 ياشلىق يوكوي خىرو ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى...
16-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ھىندىستان ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىلغان بىر كېمە شۇ جاي ۋاقتى 14- ماي كېچىدە مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان غەربىي بېنگال شىتاتىدىكى بىر دەريا ئېقىنىدا چۆكۈپ كەت...
16-05-2016
ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 3-ماي خەۋىرى: ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 4-ماي تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى شېنگىن مەملىكەتلىرى رايونىغا ۋىزىسىز كىرىشىنى شەرتلىك تەستىقلىماقچى بولغان. ...
16-05-2016
5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىراق باغدادنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى رايونى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەبىئىي گاز زاۋۇتىدا ئوت ئۆچۈرمەكتە. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەمەلدارىنىڭ 15-ماي ئېيتىشىچە، پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بىر...
16-05-2016
ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېيتنام پايتەختى خانويغا جايلاشقان ۋېيتنام ئاۋانگارت بانكىسىنىڭ 15- ماي بىلدۈرۈشىچە، 2015- يىلى 4- پەسىلدە بۇ بانكا خاككېرلارنىڭ يەر شارى پۇل مۇئامىلە تېلې...
16-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15- مايدىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرى رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ھەربىي ئىشلار كېڭەيمىچىلىكىگە دىققەت...
Powered by Leglek