12-ئاينىڭ 10-كۈنى، فىرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بېنزىمانى دۆلەت كوماندىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىش قارارىنى ئېلان قىلدى، بۇ قارار خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسىنىڭ كېلەر يىلى يازدا ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بېنزىما دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى ۋالبۇئېنانىڭ شەھۋانىي پىلاستىنكىسىدىن پايدىلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىش ئىشىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن، شۇ يەرلىك ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان، بېنزىما تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا جىنايىتىگە ئىقرار بولغان.
گەرچە بېنزىما فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى فىرانسىيەلىك مەستانىلەر بېنزىمانى قايتا دۆلەت كوماندىسىدا كۆرۈشنى خالىمايدىكەن، شۇڭا فىرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېنزىمانى دۆلەت كوماندىسىدىن ھەيدەشنى قارار قىلغان. بۇ قارار بېنزىمانىڭ كېلەر يىلى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. بۇ فىرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر توپچىنى دۆلەت كوماندىسىدىن ھەيدىشى ھېسابلانمايدۇ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، دۆلەت كوماندىسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەن، كاپىتان ئېۋرا قاتارلىق پۇتبولچىلار ئانىلكانى جازالاشنى قارار قىلغاچقا، فىرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېۋرا، رېبىرى ۋە تۇلالان قاتارلىق توپچىلارنى ئۇزۇن مەزگىل مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن چەكلىگەن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved