جۇڭگونىڭ ئىگىلىك يارىتىش شارائىتى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ

يىداۋلى گېرمانىيىدە بالدۇر قۇرۇلغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ياۋروپادا نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا مەخسۇس مەسلىھەت بېرىدىغان كارخانا. 2014-يىلى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە كارخانىنىڭ قۇرغۇچىسى فۇرويىد جۇڭگونى مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇھىم بېكىتى قىلدى. ئەمەلىيەت ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ زايە كەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ جۇڭگو يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ قالماستىن قانۇنى ئەنگە ئوڭۇشلۇق ئېلىندى، شۇ يىلى يازدا جۇڭگو تەيشەن پەرىشتە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سېلىشىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەمىنى تېتىغان فۇرويىد مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ياخشى ئىگىلىك يارىتىش شارائىتى مېنى ئىنتايىن روھلاندۇردى. مەبلەغ سالغۇچىلارغا قاراپ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگونى كۆردۇق. بارغانسېرى كۆپلىگەن جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار دەسلەپكى كارخانا قۇرۇشقا مەدەت بېرىشنى خالايدۇ؛ ئۇلار مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىپلا قالماستىن يەنە بىلىم ۋە تەجرىبە قاتارلىق ئەقلى كۈچ مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2013-يىلى جۇڭگودىكى شېرىكلەر دېگەن كىنو فىلىمى كەڭ تارقىلىپ،كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ياشلار ھەتتا كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قەلبىدە ئىگىلىك يارىتىش ئارزۇسىنى بېخلاندۇردى. ئىككى يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك يارىتىشنى قوللاش سالمىقىدىن فۇرويىدقا ئوخشاش قاراشتىكى چەتئەللىك كىشىلەر ناھايىتى كۆپ.
ئەنگلىيە لوندون پادىشاھ ئېنىستېتوتىنىڭ پروفېسسورى مىسا دېخىل ئىگىلىك يارىتىش يېتەكچىسى بولۇپ، مول ئىگىلىك يارىتىش تەجرىبىسىگە ئىگە. 2002-يىلى ئۇ دۇنيا ئۈمىدى دېگەن سىمسىز تېخنىكا كارخانىسىنى قۇرۇپ،جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشتى. ئۇ جۇڭگونىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتىنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئەقلىي شەھەر ھەل قىلىش لايىھىسىنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلدى ھەمدە ۋۇشىدا بىر ھەمكارلىشىدىغان كارخانىنى تاپتى.
ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك يارىتىشقا مەدەت بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپانىڭمۇ ئىگىلىك يارىتىشقا بۇنداق ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئىگىلىك ياراتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش دەسلەپكى كارخانىسىنى قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى جۈملىدىن سىياسەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن قوللىشى بىلەن خۇاۋېي، شياۋمىغا ئوخشاش كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ھەمدە سىرتقا يۈزلەندى. بۇ خىل مەدەت بېرىش سىياسىتى ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگودا جۇش ئۇرۇۋاتقان ئىگىلىك يارىتىش يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى جۇڭگوغا غايەت زور ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى يارىتىپلا قالماستىن يەنە ياۋروپانىنى كۆپلىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. دېخىل مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىسى خۇاۋېينىڭ ياۋروپادىن كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئىنژېنېرلارنى تەكلىپ قىلىشىدىن جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىش سۈرئىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
2015-يىلى جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 7 مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ، چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدىغانلار 400 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. جۇڭگو خەلقى ئەقىل پاراسەتلىك ۋە ئەمگەكچان. چەكسىز ئىجاد قىلىش كۈچىگە ئىگە. مىليونلىغان بازار جانلانسا جەزمەن تەرەققىياتقا غايەت زور كۈچ توپلىنىدۇ.
گېرمانىيە HSEB شىركىتى ئىستراتېگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كىلىنگىر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىختىساسلىقلار ئىگىلىك يارىتىشى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، جۇڭگو بۇ نۇقتىدا باشقا دۆلەتلەر قىلالمايدىغان زاپاس كۈچكە ئىگە. جۇڭگودا ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان ئىختىساسلىقلار شۇنچە كۆپ ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئاز ساننى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇمۇ ئاز ئەمەس.

HSEBيېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن نۇر ئىلمى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى تەمىنلىگۈچى سودىگەر بولۇپ، جۇڭگودا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىل بولدى. شۇڭا كېلىنگېرنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى چوڭقۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىغا ئوخشاش باش كۆتۈرۈپ چىقىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
«ياش تەپەككۇر» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەندېرو جېلوسا جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ياۋروپانىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەشكىلاتى. ئۇ 2009-يىلى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا قۇرغان «ياش تەپپەكۈر» شىركىتى جۇڭگونىڭ شياڭگاڭدا تارماق ئاپپارات قۇرغان ئىدى. ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شياڭگاڭدىن كەلگەن ياش ستۇدېنت ۋە ياۋروپادىكى تەڭ دېمەتلىكلەرنى ئىگىلىك تىكلەش ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەيدۇ. پائالىيەتتە ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان ئەمدىشىسىنى تۈگىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.
جېروسا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ناھايىتى ئۈستۈن. جۇڭگودا نۇرغۇن ستۇدېنتلارنىڭ كاللىسىدا ئىگىلىك تىكلەش ئويى بار، تاۋباۋ تورى ۋەكىللىكىدىكى توردا سېتىش ۋە ئۇندىدار، مىكرو بلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بوسۇغىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى مىسلىسىز دەرىجىدە كۆپەيدى. جۇڭگونىڭ ياشلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى ياۋروپادا ياشلار خېلىلا ئېھتىياتچان بولۇپ، كۆپ قىسمى قانداق قىلساق چوڭ كارخانىلاردا ياكى ھۆكۈمەت ئىچىدە مۇقىم خىزمەت تاپالايمىز دەپ ئويلايدۇ.
بۇ يىلقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا شەخس ۋە كارخانىلار باتۇرلۇق بىلەن ئىگىلىك تىكلىشى، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش، ئىگىلىك يارىتىش يېڭى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش، كىشىلەرنى بايلىق يارىتىش جەريانىدا روھى ئىنتىلىش ۋە ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. دەپ كۆرسىتىلدى. چەتئەل مۇتەخەسسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئىگىلىك تىكلەش ئىگىلىك يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە جۇڭگو بەلگىلىك شارائىتنى ھازىرلىغانكەن.
گېرمانىيە بېرلىن ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى كرېستان دېرۈيگېر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى ئاستا تەرەققىي قىلماقتا، بۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادى قۇرۇلما ئىسلاھاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوتتۇرھال كىرىم پاتقىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ پىشاڭدىن ئايرىلالمايدۇ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش بۇنىڭدىكى زۆرۈر يول. تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالنى قوزغىتىش، مۇلازىمەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە بازار ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ساھەدە يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار جانلىقلىقى بىلەن چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەبىئىي يېڭىلىق يارىتىش ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە. شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ مايىل.
شەھەرلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جۇڭگودىكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلار تەدرىجىي كۆپەيدى. ھالبۇكى يەنە بەزى توسالغۇلارمۇ مەۋجۇت . مەسىلەن دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلارغا نىسبەتەن بانكىلارنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قەرز بېرىش ئۆلچىمى، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ كۆلەڭگە بانكىلاردىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى.كۆلەڭگە بانكىلارنىڭ يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى يەنە كىشىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەبلەغ سېلىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا دېرۈيگېر جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا IBM شىركىتىنىڭ باش يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلدارى ئۆتكەن 10 يىلدا جۇڭگوغا 10 نەچچە قېتىم كەلگەن، ئەمما ئۆتكەن بىر ئىككى يىلدا جۇڭگودىكى بىر يۈرۈش ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ دەپ ھېسابلىدى : نۆۋەتتە جۇڭگودا كۆڭۈلدىكىدەك ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى بار. جۇڭگو ھازىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاساسەن چارە تاپالايدۇ، ھەمدە ئۇنى دۇنيادىكى ھەر قانداق جايدا يۈرگۈزەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ مەبلىغى يېتەرلىك، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ئىشەنچىسىگە ئىگە. بۇ ئامېرىكىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدا 10 يىل ياكى 15 يىل ئاۋۋال كۆرۈلگەن ئەھۋال.



خەتكۈچلەر:
13-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
    جۇڭگو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھۆججەت نەشرىياتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئىقتىساد كۆك ...
11-05-2016
    بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسىغا ياخشى ئۆسۈش پۇرسىتىى يارىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بازاردا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائات 11 ...
11-05-2016
   جۇڭگو شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت رايونىغا تىرىلىئون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر مەبلىغى سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا رايوننىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېنىق...
11-05-2016
   مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇ يىلقى تۆمۈر رۇدىسى ۋە پولات-تۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، لېكىن جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا بۇ ئاساسنىڭ ئىنت...
10-05-2016
    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىز بانكا ساھەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2020-يىلغىچە 35 نامرات ناھىيەدىكى بارلىق يېزا...
10-05-2016
    9-ماي خەلقئارا نەق مال ئالتۇن 20 دوللاردىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى، چۈشۈش كۆلىمى %2 گە يەتتى، ئامېرىكا بازىرىدا ھەر ئونسىيە ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1262.78 ئامېرىكا دوللىرى بولدى، بۇ چۈشۈش 7-مايدىكى ئۆسۈشنى يەپ ك...
10-05-2016
   بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە نەق ئالتۇنىنىڭ باھاسى 20 دوللار چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1265 دوللارغا بېرىپ قالدى.     5- ئ...
10-05-2016
   2016-يىلى نىلقا ناھىيەسى مىس يېزىسى، كېلەڭ يېزىسى، قۇجۇرتاي يېزىسى قاتارلىق 6 يېزا-بازاردا ئوبلاست دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا...
10-05-2016
    ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كارخانىسى نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ 19 يېزا ئىگىلىك تۈرىگە 1 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ. ب...
10-05-2016
     گوۋۇيۈەن يېقىندا " تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسى"نى بېسىپ تارقاتتى، تۇز مەخسۇس تىجارەت تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، بارلىق تۇز مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى قويۇۋېتىلىدۇ، تۇز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش رايونى چەكلىمىسى بىكار ...
Powered by Leglek