يېڭى زېللاندىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېررىي بروۋلې 5-نويابىردىكى بىر باياناتىدا يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا ئۇرۇش خادىملىرى ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يېڭى زېللاندىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تەخمىنەن ئون كىشىلىك ھەربىي ئىشلارنى پىلانلاش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئىراقنىڭ قوراللىق قىسىمىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۆچەيتىشكە ياردەم بېرىش ياكى بەرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي ئىشلارنى پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەربىي ھەرىكەت، ئالاقە، ئەشيا ئوبوروتى، مەشىق ۋە ھەربىي قانۇن كەسپى خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئالاھىدە قىسمىنىڭ ئەزالىرى يوق ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved