ئەنگلىيىدىكى ئاتا ئانىلار ئەخلەت يېمەكلىك ئېلانىنىڭ تېلېۋىزوردا قۇيۇلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى


بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا ئەنگلىيىدىكى بىر تۈركۈم ئاتا ئانىلارغا قارىتا تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە ،مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتا ئانىلار بالىلىرى تېلېۋىزور كۆرگەندە تېلېۋىزوردا ئەخلەت يېمەكلىك ئېلانلىرىنىڭ قۇيۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن .


ئەنگلىيە خان جەمەتى تىببىي ئىنىستوتىتىنىڭ 2000دىن ئارتۇق ئەنگلىيىلىك ئاتا ئانىغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ،تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاتا ئانىلار ئەخلە ت يېمەكلىك ئېلانلىرىغا قارشى تۇرۇپ ،تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان كەچ سائەت توققۇزدىن بۇرۇن تېلېۋىزوردا تەركىبىدە يۇقىرى ماي يۇقىرى قەنت بولغان ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ ئېلانىنى قۇيۇشنى چەكلەشنى قوللىغان .كەچ سائەت توققۇزدىن بۇرۇن يا ش ئۆسمۈرلەر تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقىت بۇلۇپ ،بۇ ۋاقىتلىق قۇيۇلغان ئەخلەت يېمەكلىك ئېلانلىرى ناھايىتى ئاسانلا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئەتىسىلا بېرىپ سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن .
بىر ئانا مۇنداق دېدى :> مەن بۇ تەكلىپنى ئىنتايىن قوللايمەن ،تاراتقۇلار مەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ ئاتا ئانىلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلاشسا بالىلارنىڭ سېمىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ .بالىلارغا يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئېلانىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك .مەن بۇ تۈردىكى ئېلانلىرىنىڭ تېلۋىزورلاردا قۇيۇلۇشىغا قارشى تۇرىمەن <.


تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ئەنگلىيىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلاردىكى سېمىزلىك ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ پەسىيىشكە يۈزلەنمىگەنلىكى ،ناۋادا ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىلمىغاندا ،2030-يىلىغا بارغاندا ئەنگلىيىدىكى يېرىمدىن كۆپ بالىنىڭ سەمىرىپ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ،ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئازايتىشنىڭ سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكى ،ئەخلەت يېمەكلىك ئېلانىنى قۇيۇشنى چەكلەش تەكلىپىنىڭ گەرچە يېمەكلىك سودىگىرى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىرىمىنى ئازايىتسىمۇ لېكىن بۇنى ئەنگلىيىدىكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ سالامەتلىكىگە سېلىشتۇرغاندا بۇنچىلىك زىيان تارتىشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

بۇنىڭدىن باشقا ئېلاندا بېرىلگەن ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن سىرت يەنە ئەنگلىيىدىكى بىر قىسىم بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر پىروگىراممىلىرىدىمۇ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇمشاق ئېلان مەۋجۇت .مەسلەن بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن ،بىرلىكتە تېز تاماقخانىغا بېرىپ ئەخلەت يېمەكلىك بۇيرۇتۇپ يەيدۇ .ئۇلارنىڭ بەدىنى سېمىز ئەمەس ھەتتا بەزىلىرى ناھايىتى ئۇرۇق .بۇ كۆرۈش ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان بالىلارغا ئەكىس تەسىر بېرىپ ئۇلاردا دائىم ھامبۇرگ بولكسىى بەرەڭگە قەلەمچىسى يەپ كولا ئىچكەندە سەمىرىپ كەتمەي تېخىمۇ قالتىس كۆرۈنىدىكەن دېگەن خاتا تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ .


تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تۈزۈم چىقىرىپ ياش ئۆسمۈرلەرنى قوغدىشىنى ئاتا ئانا ،دوختۇر ۋە نازارەت قىلغۇچى ئورگانلارغا تېلېۋىزيە پروگراممىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىدىكى ئەخلە ت يېمەكلىك ئېلانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرىنى بىلىپ يېتىشىنى تەۋسىيە قىلدى .

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK



خەتكۈچلەر:
12-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek