خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن باشلاپ ، مىڭغا يېقىن ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما باڭكوك شەھىرى سودا مەركىزىدە ھەربىيلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ، ھەربىي تەرەپنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان . شۇ كۈنى ، نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان جايغا نۇرغۇن ھەربىي ۋە ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 5 ~ 6 سائەت داۋاملاشقان ، ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم ئىتتىرىشىپ توقۇنۇشقان . ئىگىلىنىشىچە ، ھەربىيلەر ئۈچ نەپەر نازارىلىق بىلدۈرگۈچىنى تۇتۇپ قالغان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved