20-نويابىر، ‹‹تېلېتېخنىكىلىق سۈنئىي ھەمراھ 24-نومۇر››نى توشۇغۇچى راكېتا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
20-نويابىر سائەت 15:12 دە، ئېلىمىزنىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە‹‹ ئۇزۇن سەپەر -2 نومۇر››ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ‹‹تېلېتېخنىكىلىق سۈنئىي ھەمراھ- 24 نومۇر››نى نى ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربېتىغا كىردى.
«تېلېتېخنىكىلىق سۈنئىي ھەمراھ 24-نومۇر» ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا تەجرىبىسى ، دۆلەت زېمىن بايلىقىنى تەكشۈرۈش ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى مۆلچەرلەش ھەمدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش– ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ‹‹ئۇزۇن سەپەر-2 نومۇر›› ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا گورۇھى شىركىتى قارمىقىدىكى شاڭخەي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇزۇن سەپەر سىستېمىسىدىكى توشۇغۇچى راكېتانىڭ 199-قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved