ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى يېقىندا مۇنداق بىر غەلىتە دېلونى بېجىرگەن: ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ئايالى ئېرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. نۆۋەتتە، ئايالى جاۋ XX قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن گۇمانلىنىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.
2015-يىلى 12- ئاينىڭ 30-كۈنى، چاپچال ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالە لياڭ XX نىڭ ئايالى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى دېلونى قوبۇل قىلغان.
دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ساقچىلار زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، 38 ياشلىق جاۋ XX نىڭ يولدىشى ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان بولغاچقا، ئىككەيلەننىڭ دائىم دېگۈدەك گەپ تالىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن.
2015-يىلى 12- ئاينىڭ 16-كۈنى، جىنايەت گۇماندارى جاۋ XX بىلەن 59 ياشلىق يولدىشى لياڭ XX ئۆيدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن گەپ تالىشىپ قىلىپ، گۇماندار جاۋ XX نوغۇچ بىلەن يولدىشىنىڭ بېشى ۋە يۈزىگە قاتتىق ئۇرغانلىقتىن، باش قىسمىدىن كۆپ مىقداردا قان ئېقىپ كەتكەن، ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان، ئەمما داۋاملىق داۋالىتىشقا ئىقتىسادى يار بەرمىگەچكە، 12- ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ دەم ئالغان.
2015-يىلى 12- ئاينىڭ 30-كۈنى، لياڭ XX باش سۆڭىكى پارچىلىنىپ سۇنغانلىقتىن ئۆيىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ دېلونىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىدىن قارىغاندا، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار توغرىسىدا گەپ تالىشىش سەۋەبىدىن زىيانلانغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ دېلو كۆپچىلىكنى توغرا بولغان نىكاھ قارشى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشقا، ھەمدە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە زىددىيەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved