مۇھاكىمە تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. ئىككى كۈن داۋام قىلغان 18- نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىق ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 27- نويابىر نېپال پايتەختى كاتماندودا يېپىلدى ،يىغىندا كاتماندۇ خىتابنامىسى ماقۇللاندى ھەمدە جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاندى .
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى‹ تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن بىر گەۋدىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ‹بولدى .سەككىز ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق قاراتمىلار ئۈستىدە ئىزدەندى .نېپال ئوتتۇرىغا اقويغان جەنۇبىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىقى ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى رامكا كېلىشىمىنىڭ مەقسىتى جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا بىر گەۋدىلەشكەن ئېلېكتىر تورى شەكىللەندۈرۈپ ،ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئېنىرگىيىدە ئۆز ئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت .يىغىننىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى نېپالنىڭ زۇڭلىسى كويرانا يېپىلىش مۇراسىمىدا بۇنىڭ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىن بولغانلىقىنى ،جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنىڭ ئەھدىنامىسى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ،بۇنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئالاقىسىنى قۇيۇقلاشتۇرۇشقا پايدىسى بارلىقىنى ئېيتتى .جەنۇبى ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقى ئىتتىپاقى 1985- يىلى قۇرۇلغان ،ھازىر ئەزا دۆلەتتىن سەككىزى بار ،بۆ دۆلەتلەر ئافغانىستان بېنگال بۇتان ھىندىستان نېپال پاكىستان ۋە سرلانكىلاردىن ئىبارەت . نۆۋەتتە جەنۇبىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىقى ئىتتىپاقىدا توققۇز كۆزەتكۈچى دۆلەت بار ،ئۇلار ئاۋسترالىيە جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى ،ئېران ،ياپونىيە كورىيە ماۋرىچۇس ،بېنگال ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved